ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ماشىنا

24 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)، 80 شەھەر (ئوبلاست)، 120 ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) قاتارلىق جايلاردا مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھە
دۆلەتنىڭ 30 تۈرلۈك مۇكاپاتلاش ۋە قوللاش تەدبىرىگە ئېرىشتى (نوپۇزلۇق ئېلان قىلىندى)
تەھرىر:مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2019-05-27 11:07:15
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2018- يىللىق مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىي ئىشلەشنى ھەقىقىي تۇتۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان جايلارغا ھازىر نازارەت قىلىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە، 24 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)، 80 شەھەر (ئوبلاست)، 120 ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) قاتارلىق جايلارغا مۇناسىۋەتلىك 30 تۈرلۈك مۇكاپاتلاش ۋە قوللاش تەدبىرى قوللىنىلدى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى خۇ كەيخۇڭ 23-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا يۇقىرىقىلارنى تونۇشتۇردى.

  خۇ كەيخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار ئەسلىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى تۆۋەنلەتمەسلىك ئاساسىدا مەبلەغ، يەر ئىشلىتىش پىلان كۆرسەتكۈچى قاتارلىق مۇكاپاتلاش سالمىقىنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىكنىڭ ئومۇمىي مىقدار بويىچە مۇكاپاتلاشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى 24 تۈردىن 30 تۈرگىچە تەڭشەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ يىل يەرلىككە ئىلھام بېرىش ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرقى بىلەن تەڭلەشتى. بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشكەن 224 ئورۇن ئىچىدە شەھەر، ناھىيە ئاساسىي قاتلام رايونلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90كە يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقى سەۋىيەدىن يۇقىرى بولدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش