مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىش ئورۇنلىرىدا «بالداق چۈشۈرۈش» ئەسلىگە كەلدى، لېكىن يەنىلا يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ.
2-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا قاتناش ھەققى بىر تۇتاش كەچۈرۈم قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ قاتناشقا مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يول يۈرۈشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 25ـ كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تورلاشقان ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىنىڭ بارلىق يول بۆلەكلىرىدە، پۈتۈن مۇساپە بويىچە ئۆلچەش خىزمىتى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلغان، ھەم دائىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، بارلىق كىرىش ـ چىقىش ئېغىزلىرىدىكى ھازىرقى «بالداق كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇش» ھالىتى ئەسلىدىكى نورمال «بالداق چۈشۈرۈش» ھالىتىگە قايتقان.
ETC ئاپتوموبىل توختاتماي ئېلېكترونلۇق ھەق ئېلىش سىستېمىسى ئاپتوموبىل يولى- ETC ئاپتوموبىل توختاتماي ئېلېكترونلۇق ھەق ئېلىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان ھەمدە ئىقتىدارى نورمال بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن مەخسۇس تەمىنلىنىدۇ. ETC ئاپتوموبىل توختاتماي ئېلېكترونلۇق ھەق ئېلىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلمىغان ئاپتوموبىللار ئادەم كۈچى ياكى ئارىلاشما ئاپتوموبىل يولىدىن بىر تۇتاش ئۆتۈپ، كىرىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىدا كارتا ئېلىپ، چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىدا كارتا تاپشۇرۇپ، داۋاملىق ھەقسىز يول يۈرىدۇ.
سىناق خىزمىتى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللار يەنىلا ھەقسىز يۈرۈش باسقۇچىدا بولۇپ، بارلىق ئاپتوموبىللار يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ.
مەنبە: 新疆1074交通文艺广播
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش