ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ماشىنا

گېرمانىيەدىكى ئۈچ كۈچلۈكنىڭ 2020-يىللىق يېڭى ئاپتوموبىللىرىغا نەزەر
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2020-03-23 18:11:22

يۇقۇم سەۋەبلىك، ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى كاسات بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا، گېرمانىيە ئاپتوموبىلچىلىقىدىكى ئۈچ كۈچلۈك BBA (بېنىز، BMW، ئاۋدى) قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق سېتىلىش كاسات بولۇشقا تاقابىل تۇرماقچى؟ بىلىش كېرەككى، BBAنىڭ جۇڭگودىكى بازار ئۈلۈشى بارغانسېرى يۇقىرىلىماقتا، دۆلىتىمىز بازىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بۈگۈن بىرلىكتە BBAنىڭ 2020-يىللىق يېڭى ئاپتوموبىللىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.

يىچى-ۋولكسۋاگېن ئاۋدى A3

ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى ئاۋدى A3نىڭ پۈتكۈل لايىھەسى ئارقىدا قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئالاھىدە گەۋدىلىك يارقىن نۇقتا يوق. تاشقى قىياپىتىدە ھەرخىل سىزىقلىرى ئىنتايىن مەردانە كۆرۈنىدۇ. يېڭى بىر ئەۋلاد A3 يەنىلا Sportback ۋە Limousine ئىككى خىل نۇسخىغا ئايرىلىدىكەن.

دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغىنى، ئۈچ كوزۇپلۇق نۇسخىدىكى A3نىڭ ئۇزارتىلغان نۇسخىسى A3L چىقىرىلىشى مۇمكىن. بۇ ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان ھەشەمەتلىك ماركىنىڭ ئىخچام تىپلىق بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم، دۆلىتىمىزدە ئىستېمالچىلار ئارقا رەت بوشلۇققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ.

يىچى-ۋولكسۋاگېن ئاۋدى A4L

كۆپلىگەن ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ماركىغا قەدەم باسقاندىكى بىرىنچى ماشىنىسى ئاۋدى A4L ئاپتوموبىلىدۇر، ئاۋدىنىڭ تېخنىكىلىق تۈسىنى ساقلاپلا قالماستىن، يەنە ئائىلىۋى بوشلۇق ئاتا قىلغان. بۇ يىل A4Lنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى چىقىرىلماقچى، گەرچە ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە يەنىلا 2.0Tلىق ماتور سەپلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما تاشقى قىياپەت ۋە ئىچكى بېزەكتىكى ئۆزگىرىش كۆرۈنەرلىك. بولۇپمۇ تاشقى قىياپەتتە مەيلى سپورت نۇسخىسى ياكى ئادەتتىكى نۇسخىسى بولسۇن، ئالدى يۈزىنىڭ ھۇجۇمچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك.

بېيجىڭ بېنىز GLA

بېنىز GLA ئىزچىل ئىخچام دەرىجىدىكى SUV ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان ئىدى. GLA سپورتچانلىققا تېخىمۇ مايىل بولۇپ، سەل پىكاپ سپورت SUVنىڭ مەنىسى بار. بۇ قېتىم ئەۋلاد ئالماشقان نۇسخىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلىرىدىغان قارىغاندا، يېڭىلانغان ھېسابلانمايدۇ، تاشقى قىياپەتتە تېخىمۇ جەزبىدار، بېنىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد جەمەتلەشكەن لايىھەسى قوللىنىلغان، ئىچكى بېزەكتىمۇ بېنىزنىڭ پەخرى بولغان تۇتاش ئېكران لايىھەسى قوللىنىلغان، پۈتكۈل ھەشەمەت تۈسى سەل يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

ئەڭ يېڭى بېنىز GLA ئاپتوموبىلىغا 1.3Tلىق ۋە 2.0Tلىق ئىككى خىل ماتور سەپلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 163 ئات كۈچى ۋە 224 ئات كۈچى. دەسلەپتە دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلىدىغىنى GLB بىلەن ئوخشاش نۇسخىدا 1.3Tلىق ماتور بولىدىكەن، گەرچە چىقىرىش مىقدارى سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما كونا نۇسخىسىنىڭ 1.6Tلىق ماتورىنىڭ قۇۋۋىتىگە قارىغاندا سەل ئاشقان.

خۇاچېن BMW 5

BMW 5 يۈرۈشلىكى ئېنىقكى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، BMWنىڭ سپورت جەۋھىرىنى سىڭدۈرۈپلا قالماستىن، بىرلا ۋاقىتتا سېھرىي كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئىلگىرى ئوتتۇراھال چوڭ تىپلىقلاردا كۆپ قىسىم كىشىلەر E دەرىجىلىكنى تاللايتتى. بۇ قېتىم BMWنىڭ 5 يۈرۈشلىكى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، سېتىلىش مىقدارىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى BMW 5 پات ئارىدا چىقىرىلماقچى. نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان سۈرەتتىن قارىغاندا، ئالدى يۈزىدىكى ئۆزگىرىش كۆرۈنەرلىك، نىسبەتەن ئۆتكۈر سۇنۇق سىزىق لايىھەسى قوللىنىلغان، بىرلا ۋاقىتتا چوڭ رازمېرلىق ئالدى سالاسۇن لايىھەسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىچكى بېزەكتە بەك كۆپ ئۆزگىرىش يوق. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدىمۇ ھەم شۇنداق، يۇقىرى ۋە تۆۋەن قۇۋۋەتلىك 2.0Tلىق ماتور سەپلەنگەن. 3.0Tلىق ماتور ئىمپورت تىپىغا سەپلىنىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش