ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

يەنجى ناھىيەسى خوراتاغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ مول ھوسۇلنى تەبرىكلىدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-10-16 18:13:46
كۆممىقوناق ئاقلاش مۇسابىقىسى تولىمۇ قىزىقارلىق.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز گوۋ فاجۈن، ما گوچىڭ، تۇرسۇن، مېڭكې زۇنۇنفوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ساياھەتچىلەر بىلەن مول ھوسۇل ھەققىدە پاراڭلىشىپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلىپ، ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  9-ئايدىكى خورا تېغى ئېتىكى قىزىل رەڭلىك كاتتا كىيىم ئالماشتۇرغانىدى، سايلاردا قىپقىزىل لازىلار ئاپتاپقا سېلىنغان، 100 مىڭ مو يەردىكى ھاراق ئۈزۈملىرى خۇش ھىدىنى تەرەپ-تەرەپكە تاراتقانىدى، خوراتاغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەيدانىدا ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناقلار دۆۋىلىنىپ كىچىك تاغ ھاسىل قىلغان، لازا، شوخلىلار كۆرگەزمە سۇپىسىغا ئېسىلىپ مول ھوسۇلدىن خەۋەر بەرگەن، شوخلا، باش پىياز قاتارلىق ھەر خىل كۆكتاتلار كۆرگەزمە سۇپىسىغا تىزىلغان، مول سېلىنلىق كاۋا، يېڭى كۆممىقوناقلار ساياھەتچىلەرنىڭ ھەقسىز تېتىپ بېقىشىغا سۇنۇلغانىدى.

  ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى قويۇلدى، ئويۇن ئويناش پائالىيىتىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. «ئۇچار توخۇ» تۇتۇش، كۆممىقوناق ئاقلاش، سۇ توشۇپ يۈگۈرۈش قاتارلىق دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەر «تەنھەرىكەتچى»لەرگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئۆزگىچىلىك يارىتىلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار جان تىكىپ ئېلىشىپ، تاماشىبىنلار ھاياجانغا تولدى، ئالقىش سادالىرى، خۇشاللىق كۈلكىلىرى گۈزەل يېزا-كەنت ئۈچۈن بەختىيارلىق كەيپىياتى ھاسىل قىلدى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خوراتاغ كەنتىنى يىپەك يولى قىياپىتى، دېھقان ئائىلىسىنى ھېس قىلىش، پۇقراۋى قونالغۇ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن خاس يېزا-كەنت ساياھىتى يېرىگە ئايلاندۇرغان، كەنتتىكى 92 ئائىلىلىك ئاھالىدىن 26 ئائىلىلىك دېھقان ئارامگاھ ئاچقان، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا پۇل تاپالايدىغان بولغان، تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلانغان. 2015-يىلى پۈتۈن كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، خوراتاغ كەنتىنىڭ «ھۆسن»ى يىلدىن-يىلغا گۈزەللىشىپ، دۆلەتلىك A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. قاتار-قاتار سېلىنغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمىن ئۆيلەر يېشىل يوپۇرماق، قىزىل گۈللەر بىلەن پۈركىنىپ، دېھقانلارنىڭ پۇل قاپچۇقىمۇ بارغانسېرى تومپايغان.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش