ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

باركۆل ناھىيەسىدىكى 257 مىڭ مو بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىندى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-09-09 17:19:45


  8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىككى كومبايىن باركۆل ناھىيەسى داخې بازىرىدىكى بۇغدايلىقتا بۇغداي ئورماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر داۋۇت رېشىت فوتوسى، خەۋىرى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 257 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي پىشىپ، باركۆل ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا (بازار)لىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئورما باشلاندى، ھەممىلا يەردە مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن كۆڭۈللۈك مەنزىرە نامايان بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، باركۆل ناھىيەسى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرىغا يەرنى مەركەزلىك ئوبورۇت قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، بۇغداينى تۇتاش تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نۇرغۇن تارقاق يەرنى پۈتۈنلەپ، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەنگەن  يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سالغان، يەر بايلىقىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش