ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

قاغىلىق ياڭىقى پىشتى تېز كېلىپ ئېغىز تېگىڭ
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-09-09 17:19:19

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ گۇاڭ خەۋىرى، فوتوسى): 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگودىكى «ياڭاق يۇرتى» دەپ نام ئالغان قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 580 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئوخشىغان ياڭاقلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. 8- ئاينىڭ 26- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى سايباغ كەنتىدىكى ياڭاقزارلىقتا «قاغىلىق ياڭىقى پىشتى» تېمىسىدىكى ياڭاق ئۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مول ھوسۇل شادلىقى تەنتەنە قىلىندى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شۇ كۈندىكى ياڭاق ئۈزۈش پائالىيىتىدە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ چوڭ قەدىمىي ياڭاق دەرىخى (نېپىز پوستلۇق ياڭاق) دەرىخى «جۇڭگو.شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاقزارلىقى.<بەخت> دەرىخى» ۋە ئوتتۇرىچە يېشى ئەڭ ئۇزۇن قەدىمىي ياڭاق باغچىسىدىكى (نېپىز پوستلۇق ياڭاق)، «جۇڭگو.شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاقزارلىقى» دىن ئىبارەت ئىككى تۈردە شاڭخەي دۇنيا جېنىس رېكورتى يوپۇقى ئېچىلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش