ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

پەيزاۋات ئەينۇلاسى پىشتى! 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۆرۈپ ئەينۇلا سېتىۋېلىپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىڭ
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-09-09 17:18:09


  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ): يازنىڭ ئاخىرى كۈزنىڭ باشلىرىدا، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئەۋزەل بولغان شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىدە، شىنجاڭ مېۋە-چېۋە ساھەسىدىكى «كېيىن يېتىلگەن ئەزىمەت» پەيزاۋات ئەينۇلاسى پىشىش مەزگىلىگە كىردى، تاتلىقلىق دەرىجىسى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى بولسۇن ھەممىسى دەل ۋاقتىدا ھازىر بولدى. 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، تىيانشان يوۋپىن «ئەينۇلا»سى ياخشى پەيزاۋات تېمىسىدىكى 100 تور تاراتقۇسى بىرلەشكەن، ئاممىۋى پاراۋانلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئەينۇلا ئۆستۈرۈش بازىسى __ پەيزاۋات ناھىيەسىدە توردا بىۋاسىتە تارقىتىش ئېلىپ بېرىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە سېتىش ئۆتكۈزىدۇ.

  8-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 11:00دا باشلىنىدىغان بىۋاستە تارقىتىشتا، تورداشلار ئېكرانغا ئەگىشىپ پەيزاۋات ئەينۇلاسى كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسىغا كېلىدۇ، ئەينۇلا ئۆستۈرىدىغان دېھقانلار ئۆزلىرى ئۆستۈرگەن ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ، يەنە شۇ جايدىكى ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ 1-شۇجىلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنتلەرنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا ۋاكالىتەن سۆزلەپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، كۆپچىلىككە ئەينۇلا ئىشلەپچىقىرىدىغان جاينىڭ ھېكايىسىنى تونۇشتۇرىدۇ.

  بىۋاسىتە تارقىتىش جەريانىدا، يەنە 1000 ئۈلۈش پەيزاۋات ئەينۇلاسىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تالىشىپ سېتىۋېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، تورداشلار بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۆرۈش جەريانىدا رىياسەتچى تەمىنلىگەن تىيانشان يوۋپىن ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ھەر بىر ئادەم بىر ئۈلۈش(تۆت جىڭ يېڭى ئۈزۈلگەن بىر يەشىك ئەينۇلا)غا ئىگە بولۇپ، دوستلار چەمبىرىكىگە تارقىتىپ، ئاندىن بۇ ئۇچۇرنى سۈرەتكە تارتىپ تىيانشان يوۋپىن ئارقا سۇپىسىغا ئەۋەتسە، يەنە بىر يەشىكنى قوشۇپ سېتىۋالالايدۇ، تالىشىپ سېتىۋېلىش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 12:00دىن 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 12:00 گىچە.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاممىۋى پاراۋانلىق دېھقانلارغا ياردەملىشىپ تالىشىپ سېتىۋېلىش باھاسى 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى بىۋاسىتە تارقىتىشتا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئوتتۇرىدا پايدا باھا پەرقى بولمىغاچقا، پەيزاۋات ئەينۇلاسىنىڭ باھاسى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ھەقسىز يەتكۈزۈلىدىكەن.

  پائالىيەتتە پەيزاۋات ئەينۇلاسى نامايان قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدىكەن، شۇنداقلا يەرلىكتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرى سۆزلىنىدىكەن.

  پائالىيەتتە سېتىپ بېرىش ۋەدە قىلىنغان 1000 ئۈلۈش پەيزاۋات ئەينۇلاسىنىڭ توشۇش، ئوراش-قاچىلاش ھەققىنى چىقىرىۋەتكەندە باشقا بارلىق كىرىم دېھقانلارغا تاپشۇرۇلىدىكەن. 



مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش