ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

كورلا: يەنە ئۈزۈملەر بازارغا سېلىنىدىغان ۋاقىت كەلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-08-19 18:57:15
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، كورلا شەھىرى بايىن شەرقىي يولىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ مېۋە-چېۋە رايونىدا، مال جاھازلىرىغا ھەرخىل ئۈزۈملەر تىزىلىپ، خېرىدارلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىغا تەمىنلەندى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يىن گۇيفاڭ فوتوسى، خەۋىرى): يەنە ئۈزۈم پىشىپ بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى، چۈچۈمەل، تاتلىق ئۈزۈملەرنى كۆپچىلىك يازدا ياقتۇرۇپ يەيدۇ. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە تاللا بازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى سورتلۇق ئۈزۈملەرنىڭ مېۋە-چېۋە رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى بايقىدى. ئۈزۈمنىڭ باھاسى يېرىم ئاي بۇرۇنقى «يۇقىرى باھادا سېتىشنى باشلاش»تىن ھازىر كىشمىش ئۈزۈمنىڭ ھەر كىلوگىرامى 10 يۈەن ئەتراپىغا چۈشكەن، قىزىل ئۈزۈم، مېيگۈيشياڭ قاتارلىقلار يەنىلا ھەر كىلوگىرامى 15 يۈەن ئەتراپىدىكى باھانى ساقلاپ كەلگەن.

  ھازىر ئۈزۈملەرنىڭ مەركەزلىك بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىلى، بۇ يىل ئۈزۈم باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل يۇقىرى بولسىمۇ، كېيىنكى مەزگىلدە يەرلىك ئۈزۈملەرنىڭ كۆپلەپ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ باھاسى تۆۋەنلەيدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش