ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

باش باھاردا قويلارغا ئىلمان سۇ بېرىش كېرەك
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-07-09 17:30:19

    ئەتىيازدا تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قويلارغا سوغۇق سۇ ياكى مۇز سۈيى بېرىلگەندە، قوينىڭ سۇ ئىچكۈسى كەلمەي، قويدا سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا قوينىڭ يەمنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاستىلاپلا قالماي، قوي تېنىدىكى مېتابولىزىم تەسىرگە ئۇچراپ قويلار ئورۇقلاپ كېتىدۇ ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.

    سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى: قوي ئىچىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغاندا سۇ قوينىڭ بەدىنىدىكى يەم خەشەكتىن ئايلانغان ئىسسىقلىقنى سۈمۈرىۋېلىپ، يەمنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئەتىيازدا قويغا بېرىلىدىغان سۇنىڭ تېمپراتۇرىسى 20-30 سېلسىيە گرادۇسقىچە بولسا مۇۋاپىق.

    سۇ بېرىش ئۇسۇلى: قوينىڭ سۇنى يېتەرلىك ئىچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قويغا بوغۇز شورپىسى بەرسەك بولىدۇ. ئاۋۋال بوغۇزغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئېرىتىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇماچ ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قويغا بەرسەك بولىدۇ.

    سۇنىڭ مىقدارى: قوي بىر كىلوگىرام قۇرۇق يەم-خەشەك يېسە 3-5 كىلوگىرامغىچە سۇ ئىچىشى كېرەك. شۇڭا ئەتىيازدا قوينىڭ ئوت-چۆپ يېيىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قويغا قۇرۇق ئوت-چۆپنىڭ 3-5 ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان مىقداردا سۇ بېرىش كېرەك.

    سۇ بېرىش ۋاقتى: قوي ئىچىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولسا، قوي ئاچ قورساق ھالەتتە سۇ ئىچكەندە، قوينىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەنلەپ زۇكامداپ ياكى قىزىپ قالىدۇ، بوغاز قويلار سوغۇق سۇ ئىچسە بالىسى ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. قوي بېقىشتا قوي يەم-خەشەك، ئوت-چۆپلەرنى يەپ بىر سائەتتىن كېيىن ئاندىن سۇ بەرسە مۇۋاپىق، بۇنداق بولغاندا سۇ بىلەن يەم-خەشەك قوينىڭ ئاشقازىنىدا تولۇق ئارىلىشىپ ئاسان ھەزىم بولىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش