ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

قىشتا چىلان دەرىخىنىڭ كونا قوۋزاقلىرىنى قىرىشقا بولامدۇ؟
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-07-09 17:29:38

  قىشتا چىلان دەرىخىنىڭ كونا قوۋزاقلىرىنى قىرىشقا بولىدۇ، كونا قوۋزاقلارنى ۋاقتىدا قىرىۋەتكەندە، دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قوۋزاقلارنى قىرغاندا كونا قوۋزاقلارنىڭ يېرىلغان، يىرىك يېرىدىن باشلاپ قىرىش كېرەك، يۇمران قوۋزاق ۋە دەرەخ غولىغا زىيان يەتمەسلىكى ئۈچۈن قوۋزاقنى بەك چوڭقۇر قىرىۋەتمەسلىك كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قوۋزاقلارنى قىرغاندا يەرگە گېزىت ياكى سۇلياۋلارنى قويۇپ قويۇش، قىرىپ بولغاندىن كېيىن تازىلاپ ئېلىۋېتىش ياكى يىغىپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش