ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

جېجياڭ داشۆسى 2-دوختۇرخانىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئاقسۇنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش خاتىرىسى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-08-15 16:50:02

«جېجياڭ خەۋەرلىرى» تورى خەۋىرى: 8-ئاي، مىڭ چاقىرىملىق يىراقلىقتا، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى شىنجاڭ ئاقسۇ ياز كۈنلىرىنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمدى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى دوختۇرخانىسىدا، تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان قىز كۇلى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ قەلبى مىننەتدارلىق ۋە ئىللىقلىققا تولدى. ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا 50 گىرادۇسقا يېقىن ئېگىلىپ قالغان بۇ قىز، بىر قېتىملىق «چوڭ ئوپېراتسىيە»نى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى بېلىنى رۇسلاپ، ئەڭ گۈزەل ياشلىق باھارىدا ئەڭ ياخشى ئۆزىنى نامايان قىلدى.

  كۇلىغا يېڭى ھاياتلىق ئېلىپ كەلگىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا ئېگىلىش ئوپېراتسىيەسى. باش ئوپېراتسىيە دوختۇرى شۈ جېڭكۇەن جېجياڭ داشۆسى قارىمىقىدىكى 2- دوختۇرخانا (تۆۋەندە جېجياڭ داشۆسى 2-دوختۇرخانىسى دەپ ئېلىنىدۇ)دىن كەلگەن.

  جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تۈركۈمدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ داشۆسى 2-دوختۇرخانىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 11 پەن بويىچە 18 تۈركۈم قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنى شىنجاڭدا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا، قۇملۇقنىڭ چېتىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن بىر تۈركۈم دوختۇرلار ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىپ، دوختۇرلار ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، چەكسىز مۇھەببەت قالدۇردى. 

  ئىلىمنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، تېخنىكىنى قالدۇرۇپ قويدى، جېجياڭ داشۆسى 2- دوختۇرخانىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلىرى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ھەممىگە ئايان؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ قۇتقۇزۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ئەسلىدىكى %80تىن %96كە ئۆرلەپ، ئارتېرىيە نوكچىسىنى ئېرىتىش ئوپېراتسىيەسى، مېڭە قان تومۇر غەيرىيلىكى ئېمبولىيە ئوپېراتسىيەسى، مېڭە پەردە ئۆسمىسى ئېمبولىيەئوپېراتسىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئوپېراتسىيەلەرنى تاماملىدى. «ئۇستاز شاگىرت يېتەكلەش» تۈزۈمىدە تەربىيەلەنگەن تايانچ دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل ھالدا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى تۈركۈمدىكى ئوپېراتسىيەلەرنى قىلالايدىغان بولدى.

  «چاقىرىق بولسىلا، ھەرگىز باش تارتمايمىز. پەقەت ئېھتىياج بولسىلا، بىز چوقۇم بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز» بۇ جېجياڭ داشۆسى 2-دوختۇرخانىسى داۋالاش ئەترىتىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە قىلغان يانماس ۋەدىسى. ئۇلار كىلىمات ۋە يېمەك-ئىچمەككە ماسلىشالماسلىق قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، يۇرتىنى سېغىنىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش