ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

دوستلۇق چوڭقۇرلاشتى، ھېسسىيات كۈچەيتدى
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2019-07-10 17:43:29

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۆمەر خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسى چاغراق كەنت 2-مەھەللىسىدىكى دېھقان  ئابلەت ئەبەيدۇللا بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلاشقان قېرىندىشى شۇ جىيەنچۈننىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى يېقىن ئەتراپقا تېزلا تارقىلىپ، توشقان دەرياسى ساھىلىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن بىر  تىپىك ئۈلگە بولۇپ  قالدى .

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان،  ئابلەت ئەبەيدۇللا بىلەن شۇ جىيەنچۈن ئۆزلىرىنىڭ  قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتى ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك  بولۇش» پائالىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

2014-يىلى شۇ جىيەنچۈن چاغراق كەنت 2-مەھەللىسىنىڭ سايدا  ئولتۇراقلاشقان دېھقان ئىدى. ئۇنىڭ  100 مو ياڭاقلىق، 30 مو چىلانلىق بېغى ۋە قۇشۇمچە كۆكتاتلىق ئېتىزى بولۇپ، ئەتراپ  كۆز يەتكۈزسىز بىپايان  قاقاسلىق ساي بولغاچقا، ھەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە يەرنى ئوسا قىلىش،  سۇ قويۇش، ئاغدۇرۇش، تېرىش ئىشلىرى  ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا 2-مەھەللىدىكى يەر قوشنىسى ئابلەت ئەبەيدۇللا شۇ جىيەنچۈنگە ياردەم قىلىشنى خوشاللىق بىلەن تاللىدى ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇغقانلىشىپ ئاكا-ئۇكا بولۇشتى، شۇندىن بۇيان، شۇ جىيەنچۈن  ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا  يۇلۇققاندا  قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئاكىسى ئابلەت ئەبەيدۇللادىن ياردەم سورايدىغان بولدى، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى  ئالاقىمۇ كۈچەيدى. شۇ جىيەنچۈن ئاكىسى ئابلەت ئەبەيدۇللانىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى ئىلمىي باشقۇرۇش باشقۇرۇش، زىرائەتلىرىگە دورا چېچىش، ئۇغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

2017 -يىلى چاغان مەزگىلىدە شۇ جىيەنچۈن ئۆي -بىساتلىرى ۋە چارۋىلىرىنى ئاكىسى ئابلەت ئەبەيدۇللانىڭ قاراپ قۇيۇشىغا تاپشۇرۇپ،  يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا كەتتى، ئۇ ئىككى ئايدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، قورا-جاي  ۋە چارۋىلىرى، ئۆي قۇشلىرىنىڭ  بىخەتەر تۇرغانلىقىنى ھەم كۆپەيگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندى ۋە ئاكىسى ئابلەت ئەبەيدۇللانىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە تەسىرلىك  كۆز يېشى بىلەن  رەھمەت ئېيتتى.

2018-يىلى ئەتىيازدا ئابلەت ئەبەيدۇللا ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق مەزگىلىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شۇ جىيەنچۈن شۇئان 10 مىڭ يۈەن تەييارلاپ، ئاكىسى ئابلەت ئەبەيدۇللانىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل  قىلىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى.

بۇلتۇر ئابلەت ئەبەيدۇللا قېرىندىشى شۇ جىيەنچۈن بىلەن تېخمۇ يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇش ئۈچۈن ئۆز ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىن مۇقىم بىر يۈرۈش قورا جاي سېتىۋېلىشغا ياردەم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئائىلىنىڭ دوستلۇق رىشتىسى  چوڭقۇرلىشىپ، ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچەيدى، ھازىر بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككى قېرىنداش يانداش تام قوشنا بولۇپ، تۇرمۇش، ئىش ئەمگەك ۋە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى بىرلىكتە ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش جەھەتلەردە  نۇرغۇن قۇلايلىقلارغا ئىرىشتى. ھازىر بۇ  ئىككى ئائىلە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بېيىش» يولىغا بىرلىكتە ئاتلىنىپ، تېخمىۇ ئىجىل-ئىناق، بەختلىك ياشىماقتا.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئابلەت ئەبەيدۇللا بىلەن شۇ جىيەنچۈن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددىي كۆز قارچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسىراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، كەنتتىكى ھەر مىللەت  دېھقان-چارۋىچىلارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلىمەكتە. ھازىر بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ قېرىداشلىق مېھرى- مۇھەببىتى كەنتتىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلىرى ئارىسىدا  ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى.

 يېقىندىن بۇيان، ئابلەت ئەبەيدۇللا بىلەن شۇ جىيەنچۈن تەشۋىقات لېكسىيە ئارقىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىق -بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق -ئاپەت» دېگەن تېمىدا تەشۋىقات -تەربىيەسى خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كەنت، مەھەللە ھەتتا قوشنا يېزا، كەنتلەرگىمۇ ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى بىرلىكتە ياڭراتماقتا.

温宿-沙拉木..1.jpg

 

温宿-沙拉木..4.jpg

温宿-沙拉木..jpg

سۈرەتتە:  شۇ جىيەنچۈن (ئوڭدا) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش ياڭاقلىق بېغىدا ئاكىسى ئابلەت  ئەبەيدۇللاغا ئىلمىي باشقۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرمەكتە.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش