دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

خاڭجوۋدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەر ئاقسۇ شەھىرىگە كېلىپ تۇغقانلىرىنى يوقلىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-10-12 17:41:42

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئاقسۇ ــ خاڭجوۋدىكى ئەڭ گۈزەل ئائىلە بويىچە قوشماقلاشقان تۇغقانلارنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاقسۇ مەرھابا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، خاڭجوۋ شەھىرىدىن كەلگەن يو لىنفېي، تاڭ چى، جوۋ فېي، رېن كاڭپىڭ، جۇ چيۇيىڭدىن ئىبارەت بەش «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» تەكلىپكە بىنائەن ئاقسۇ شەھىرىگە كېلىپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى چى سەيلىن، ۋۇ جىرۇڭ، يۈ سەيخۇا، ئامانگۈل تۇردى، پاتىگۈل ئەمەر قاتارلىق بەش «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بەش كۈنلۈك تۇغقانلىشىش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خاڭجوۋ شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوماندان خۇاڭ جيەنجېڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تۇغقانلىشىش پائالىيىتى 3 ـ قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر بولۇپ، تۇغقانلار بېرىش ـ كېلىش قىلىپ، مۇڭدىشىش جەريانىدا ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، يېڭى كەيپىيات تۇرغۇزۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئالماشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالاقىلىشىش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى لازىم. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاڭجوۋ شەھىرىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەرنىڭ ئاقسۇ شەھىرىگە كېلىپ تۇغقانلىشىشى ئىجادىي ۋە بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كۆپچىلىك چىن كۆڭلى، چىن ھېسسىياتى بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ، ئالماشتۇرۇپ، نەمۇنىچى، ئۈلگە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خاڭجوۋ بىلەن ئاقسۇ ئىككى جايدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

خاڭجوۋ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس دىڭ لىيەن مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلى كىشىلەر قەلبىدە بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشقا سىڭىپ كەتكەن. ئىككى جايدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىككى جاينىڭ ئائىلە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى جايدىكى ئائىلىلەر ئۈچۈن مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس خالىدە روزى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەرنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

ئىككى جايدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەر ۋەكىللىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەريانىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشى ۋە تەسىرلىك ئائىلە ھېكايىلىرىنى ئورتاقلاشتى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: قوشماقلاشقان ئائىلىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ گۈزەل خاڭجوۋ ـ ئاقسۇ مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭرىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمىز.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، خاڭجوۋ شەھەرلىك ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتى ۋە ئائىلىنى بىرلىك قىلغان جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى ھەمدە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرگە نەپىس ئەلبوم، ئائىلە رەسىمى قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلدى.

ئاخىرىدا، ئىككى جايدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەر ئاقسۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيى (مۇزېي)نى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئاقسۇنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشەندى. كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، ئىككى جايدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەر ئەڭ گۈزەل ئائىلە ئىستىلىنى تەشۋىق قىلىش، ئائىلە ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى كۆرسىتىش، «قەلبداشلار دەرىخى» تىكىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىش، ئائىلە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ گۈزەل تۇغقانلىشىش مەزگىلىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش