دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

كورلا شەھىرىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-09-14 16:55:26

 بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ شۇاڭ، پىراكتىكانت لىن يىنو): 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇربان ھېيت، كورلا شەھىرىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋېيشىن ۋە تېلېفوندا قوشماقلاشقان تۇغقىنىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

  «قەمبەرگۈل، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېدى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى كورلا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى شيې جۈن. ئۇ خىزمەت سەۋەبىدىن قوشماقلاشقان تۇغقىنى قەمبەرگۈل گايىت بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزەلمىگەنلىكتىن، تېلېفوندا بەخت تىلىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى سورىدى.

  «ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت، بىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرغىنىڭىزغىمۇ رەھمەت. ھازىر بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتىمىز» دېدى قەمبەرگۈل تېلېفوندا شيې جۈنگە.

  كورلا شەھىرى خۇيزې جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ھىمىت يۈسۈپ شۇ كۈنى تېلېفوندا كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى خۇاڭ ۋەنلىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. «بىزنىڭ تەييارلىۋالغان گۆش، كۆكتاتلارىمىز خېلىلا كۆپ، ئۆيدە ھەممە نەرسە يېتەرلىك» دېدى ھىمىت، ئۇ قوشماقلاشقان كادىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يېقىن تۇغقىنىدەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى لەڭگەر كەنتى ئۈچىنچى گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى ئوسمان ئەمەت تېلېفوندا كورلا شەھەرلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىكى قوشماقلاشقان كادىر تۇغقىنى لى چيۇڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ مېۋىلىك بېغىدىكى مېۋىلەرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. «ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئۆزىڭىزنى بەكرەك ئاسراڭ، ۋاقىت چىقىرالىسام سىزنى چوقۇم يوقلاپ بارىمەن» دېدى لى چيۇڭ ۋېيشىن ئارقىلىق ئوسمانغا بايراملىق سالام يوللاپ.



مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش