ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ئاكا - ئۇكىلار نان يېقىپ بېيىش يولىغا ئاتلاندى
تەھرىر:مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-05-30 19:47:22

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى ليۇ شىخې فوتوسى، خەۋىرى

  4- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ لاستى يېزىسى نوغايتى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئۆركەش توختاخۇن ئۆيىدە يېقىلغان نانلارنى ئالتاي شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىغا يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  ئۆركەش كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئىدى، 2017- يىلىنىڭ بېشىدا، ئالتاي شەھەرلىك مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ نوغايتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈخەي ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئۆركەشنىڭ ئۆيىگە زىيارەت قىلىپ بارغاندا، ئۆركەشنىڭ ئاكىسى ئەسقەرجان توختاخۇن ھويلىدا نان يېقىۋاتاتتى. شۈخەي: ئەگەر ئۆركەشنىڭ ئۆيىدە يېقىلغان نانلارنى ساتقىلى بولسا، كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى يولى بولۇپ قالاتتى، دەپ ئويلىدى. مۇشۇلارنى ئويلاپ، ئۇ دەرھال ئەسقەرجاننى ئون نەچچە ناننى ئارتۇق يېقىشقا بۇيرۇدى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئۆركەش ۋە ئۇنىڭ نانلىرىنى ئېلىپ، ئاپتوموبىل بىلەن شەھەردىكى ھەرقايسى تاللا بازارلىرىغا بېرىپ تونۇشتۇرۇپ ساتتى ھەم تاللا بازارلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. بىر ئايلىنىپ كېلىش بىلەن، 13 تاللا بازىرى ئۇلارنىڭ نېنىنى ۋاكالىتەن سېتىشقا قوشۇلدى ھەم ۋاكالىتەن سېتىش مىقدارىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى.

  خىزمەت ئەترىتى ئۆركەش ئاكا - ئۇكىلارنىڭ نان يېقىشى ئۈچۈن ئورۇن تېپىپ بەردى ھەم ئۇلارنى باشلاپ دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق كىنىشكىسى بېجىرىشىگە ياردەملەشتى، يەنە كەنتتە تۇرۇش خىراجىتىدىن 20 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئۇلارغا خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى، ئۈستەل - ئورۇندۇق، ئەمبەل قاتارلىقلارنى ئېلىپ بەردى، ناۋايخانا رەسمىي تىجارەت باشلىدى. ناۋايخانىنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ھەر ھەپتىدە ئۆركەشنىڭ ئۆيىگە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم زىيارەتكە كەلدى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى يەنە ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ناۋايخانىنى پائال تەشۋىق قىلدى.

  ئۆركەش ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن ھەر كۈنى سەھەر سائەت 4 تە خېمىر يۇغۇرۇش، خېمىر بولدۇرۇش، نان راسلاشقا باشلايدۇ... سائەت 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇنجى تۈركۈمدىكى نان دەل ۋاقتىدا سىرتقا يەتكۈزۈلىدۇ. ئۆركەش مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى بىزنى شۇنداق قوللاۋاتىدۇ، بىز چوقۇم ياخشى ئىشلەيمىز».

  بىر يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، ئۆركەشنىڭ ناۋايخانىسىدا كۈندە 600 ئەتراپىدا نان يېقىلىپ سېتىلىدىغان بولدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000دىن ئاشتى، ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى، ئۇلار ھەرقايسى تاللا بازارلىرىغا نان يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن بىر ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۆركەشنىڭ ناۋايخانىسىنى ئۆز جايىدا ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە نۇقتىسى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ناۋايخانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

▲ 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئۆركەش نانلارنى ئالتاي شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىغا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.
▲ ئۆركەش مال يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئاپتوموبىل سېتىۋالدى.
▲ تونۇردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان نانلار.


مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش