ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

كاۋا، ئاق مور شورپىسى قاننى قۇۋۋەتلەپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-12-12 17:57:00

      ماتېرىيال: كاۋا 250 گىرام، نېلۇپەر ئۇرۇقى 30 گىرام ، ئاق مور بىر قۇلاق، چىلان 10 تال(2-3 كىشىلىك مىقدار)

  تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، ئاق مورنى ئىلمان سۇغا 30 مىنۇت چىلاپ، يىلتىزىنى ئېلىۋېتىمىز؛ كاۋىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، كاللەك قىلىپ توغرايمىز، چىلان بىلەن نېلۇپەر ئۇرۇقىنى پاكىز يۇيۇپ، ئازراق چىلاپ قويىمىز. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ، ئالدى بىلەن ئاق مور ۋە نېلۇپەر ئۇرۇقى نىسېلىپ، 15 مىنۇت قاينىتىمىز، ئاندىن چىلاننى سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا كاۋىنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كاۋا يۇمشىغىچە قاينىتىمىز، ئاخىرىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئازراق تۇز (ياكى شېكەر) قوشساقلا بولىدۇ .

  بۇ خىل شورپىنىڭ قاننى قۇۋۋەتلەش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار.

                                                                                                                                                                              خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش