دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

ھايۋانات يېغى ياخشىمۇ ياكى ئۆسۈملۈك يېغىمۇ ؟
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-12-24 18:13:12

   ھايۋانات يېغى بىلەن ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ تۈرى ۋە نىسبىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا. ياغ كىسلاتاسى بەدەندە سىنتېزلىگىلى بولمايدىغان، ئەمما بەدەن ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىم ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، تويۇنمىغان مونو ياغ كىسلاتاسى ۋە تويۇنمىغان پولى ياغ كىسلاتاسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

   ھايۋانات يېغى (بېلىق يېغىدىن باشقا)نىڭ ئاساسلىق تەركىبى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئاسان پارچىلانمايدۇ، قان تومۇردا ئوڭايلا تىنىۋېلىپ، قان يېغىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، تەركىبىدىكى مول تويۇنمىغان ياغ قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەم يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەتىرىنى ئازايتىدۇ. ئەمما، تويۇنمىغان ياغ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ، پېروكسىد ۋە ئالدېھىد قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ، ئىلمىي تاللاش ۋە ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

   ياغلىق يېمەك ـ ئىچمەكلەر قاندىكى ياغنى ئاشۇرۇپ، ئاسانلا سېمىزلىك، جىگەرنى ياغ قاپلاش، سوققاق تومۇر قېتىشىش، سەكتە قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك يېمەك ـ ئىچمەكتە ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش كېرەك.

   «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك قوللانمىسى (2016)»دا ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ياغ قوبۇل قىلىش مىقدارى 25 گىرامدىن 30 گىرامغىچە بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ھەربىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك ياغ ئىستېمال مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 41.8 گىرام بولۇپ، تەۋسىيە قىلىنغان ئۆلچەمدىن خېلىلا يۇقىرى.

   ئوخشىمىغان ياغلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى ئوخشىمايلا قالماستىن، يەنە ئاساسلىق تەركىبى بولغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا بىر ـ ئىككى ئايدا بىر قېتىم ياغ ئالماشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھايۋانات يېغىنى ئاز يېيىش، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆسۈملۈك ياغلىرىنى نىسبەتەن كۆپرەك يېيىش كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەركىبىدە تويۇنمىغان مونو ياغ كىسلاتالىرى مول بولغان ئوتتۇرا دېڭىز رايونىچە يېمەك ـ ئىچمەك بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك يېغىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، زەيتۇن يېغى، كۆممىقوناق ئۈندۈرمىسى يېغى ۋە ئاپتاپپەرەس يېغى قاتارلىقلار.

   تاماق ئېتىش ۋە تەم تەڭشەشتە ئىمكانقەدەر سۇدا پىشۇرۇش ياكى دۈملەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش، ياغدا پىشۇرۇش ۋە قورۇش قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك. سەي قورۇغاندا ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولماسلىق كېرەك، بولۇپمۇ تەركىبىدە لىنولېئىك كىسلاتا ۋە لىنولېنات كىسلاتا قاتارلىق ياغ كىسلاتالىرى كۆپرەك بولغان كۈنجۈت يېغى، كۆممىقوناق يېغى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندە، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئاسانلا بەدەنگە زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ.

   ئائىلىدە بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە خىل ياغنى تەييارلاپ قويۇش، يېمەكلىكلەرنى ياغدا پىشۇرۇشقا ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشۇرۇشقا توغرا كەلگەندە بىرقەدەر مۇقىم بولغان ياغلار، مەسىلەن، قوي يېغى ياكى پالما يېغى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەلۋەتتە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ۋىتامىن A، E  قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بەزى زىيانلىق ماددىلار ھاسىل بولىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ياغلار ئادەتتە تەركىبىدە تويۇنمىغان پولى ياغ كىسلاتاسى مول بولغان ئاپتاپپەرەس يېغى، دادۇر يېغى قاتارلىقلار. 


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش