ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

سەي قورۇغاندا ...
تەھرىر:مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2019-05-29 19:21:51

    لازىنى كۆپ سېلىۋەتكەندە تۇخۇم قوشۇش

   تۇخۇم تۇز تەمىنى يېنىكلەتكەندىن سىرت، ئاچچىقنى پەسەيتىدۇ. سەي قورۇغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن لازىنى كۆپ سېلىۋەتكەن بولساق، تۇخۇم قوشۇۋەتسەك سەيدىكى ئاچچىق تەم پەسىيىدۇ ھەم سەي تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

    ئاچچىقسۇ كۆپ بولۇپ كەتسە ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم قوشۇش

   سەيگە ئاچچىقسۇنى كۆپ قۇيۇۋەتكەندە، ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى ئېزىپ قورۇمىغا سېلىۋەتسەك، سەي تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ، ئاچچىقسۇنىڭ تەمىمۇ سۇسلىشىدۇ.

    سەي قىرتاق بولۇپ قالسا ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇش

   كۇگۇا ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى ھەيدەيدۇ، ئەگەر كۇگۇانىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋەتمىگەندە، سەي قىرتاق بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سەيگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسەك تەم تەڭشىلىدۇ.

    سەي مايلىق بولۇپ كەتسە زىسەي قوشۇش

   مايسىز قورۇلغان سەي سالامەتلىككە پايدىلىق، ئەگەر ماينى كۆپ قۇيۇۋەتكەندە زىسەينى ئوتتا بىر قاقلىۋەتكەندىن كېيىن سەيگە ياكى شورپىغا سېلىۋەتسەك، سەي ياكى شورپا مايسىزلىشىدۇ.


«شىنجاڭ ئاياللىرى» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى


مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش