ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

مېۋىلەر خۇش پۇراق چېچىپ دېھقانلار شادلاندى
تەھرىر:مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-05-27 19:45:22
5-ئاينىڭ 22-كۈنى، گاۋچىڭ ناھىيەسى ۋېيسى كەنتىدىكى يىفىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىلىرى شوخلىلارنى تۈرگە ئايرىماقتا.
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى گاۋچىڭ ناھىيەسى ۋېيسى كەنتىدىكى يىفىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 50 پارنىكىدا مېۋىلەر خۇش پۇراق چېچىپ، مېۋە ئۈزۈش ئالدىراشلىقى بولۇپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى شەكىللەندى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان مېۋە شوخلا، تاۋۇز، تاتلىق شاپتۇل قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مېۋە، كۆكتاتلارنى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق بېيجىڭ، جىنەن، زىبو قاتارلىق شەھەرلەرگە سېتىپ، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ كىرىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. (جۇ جېڭ فوتوسى)
5-ئاينىڭ 22-كۈنى، گاۋچىڭ ناھىيەسى ۋېيسى كەنتىدىكى يىفىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى شوخلىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.





5-ئاينىڭ 22-كۈنى، گاۋچىڭ ناھىيەسى ۋېيسى كەنتىدىكى يىفىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى پىشىش ئالدىدىكى تاۋۇزنى تەكشۈرمەكتە.


5-ئاينىڭ 22-كۈنى، گاۋچىڭ ناھىيەسى ۋېيسى كەنتى يىفىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى جاڭ جىجىڭ (سولدىن 1-كىشى) ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ خېرىدارىغا ئۆزى ئۆستۈرگەن تاتلىق شاپتۇلنى تونۇشتۇرماقتا.





مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش