ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

بېسىمنى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ساغلام يېمەكلىكلەر
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2020-03-31 11:27:44

كىشىلەر ئادەتتە ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغاندا ياكى بىر قىسىم كۆڭۈلسىز ئىشلارغا دۇچار بولغاندا، بەرەڭگە قەلەمچىسى ياكى مارۇژنا يېيىش ئارقىلىق بېسىمنى يەڭگىللەتمەكچى، كەيپىياتىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ. بۇ خىل ئادەت «بېسىملىق يېمەك-ئىچمەك» ياكى «كەيپىياتلاشقان يېمەك-ئىچمەك» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل «تەسەللى بېرىش يېمەكلىكى»دىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، سىز بەلكىم ئۆزىڭىزنى ۋاقتىنچە ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ خىل كەيپىياتلاشقان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بەدەن ساغلاملىقىڭىزغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

تەشۋىشلىنىش سىزنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىماي كۆپ يەپ-ئىچىشىڭىزگە باھانە بولالمايدۇ. كېيىنكى قېتىم كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن چاغدا، تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىدىغان بۇ يېمەكلىكلەرنى سىناپ بېقىڭ، بۇلار سىزنىڭ بۇ خىل كەيپىياتنى يېڭىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ:

يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار: ئامېرىكا ئوزۇقلۇق ۋە يېمەك-ئىچمەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى خىتېر مۇنداق قارىغان: يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار تەشۋىشلىنىشكە قارشى تۇرىدىغان يېمەكلىكلەر قاتارىغا كىرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى بولۇپ، دوپامىن ھاسىل قىلىدۇ، بۇ بىر خىل «ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان چوڭ مېڭە ماددىسى» بولۇپ، كەيپىياتىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، كورېيەنىڭ چىلانغان كۆكتاتلىرى، مەسىلەن كېفېر ۋە نادۇ-ئېچىتىلغان كۆكتاتمۇ تەشۋىشلىنىشكە قارشى تۇرىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا پايدىلىق باكتېرىيە بار، بۇلار سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ۋە چوڭ مېڭىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار ئاداشقان نېرۋا ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە كەيپىيات ۋە ھەرىكەت سىگنالىنى يوللايدۇ.

ئەينۇلا: سىئانىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل پىگمېنت ئەينۇلانى قېنىق رەڭگە ئىگە قىلىدۇ، بۇ خىل تەركىب يەنە چوڭ مېڭىنىڭ دوپامىن ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. دوپامىن بىر خىل نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددا بولۇپ، كەيپىيات، مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

بانان: بۇ خىل سېرىق رەڭلىك مېۋە تەركىبىدە دوپامىن بولۇپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ. باناننىڭ تەركىبىدە يەنە باشقا كەيپىياتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، B تۈردىكى ۋىتامىن ۋە ماگنىينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقىسى نېرۋا سىستېمىسىنى تىنچلاندۇرۇشقا پايدىلىق.

مايمۇن شاپتۇلى: بۇ مېۋىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇپلا قالماي، بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن Cنى داۋاملىق تولۇقلاش قاندىكى سېزىمچانلىق ھورمۇنى سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە ھەم بەدەن ۋە كەيپىيات بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.

قارا شاكىلات: قارا شاكىلاتنىڭ تەركىبىدە بىر خىل ئالاھىدە تەركىب بار بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل تەركىب ئازاب ۋە تەشۋىشلىنىش دېگەندەك پاسسىپ كەيپىياتلارنى ۋاقىتلىق تىزگىنلەشكە پايدىلىق ئىكەن، لېكىن شاكىلاتنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك، چۈنكى بىر قىسىم شاكىلاتلارنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر يۇقىرى قەنت مىقدارى بولۇپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

كوففېئىن ئارقىلىق تەشۋىشلىنىشكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ راستتىنلا ئۈنۈمى بارمۇ؟

تەشۋىشلىنىش كېسىلى بىمارلىرى تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، مەسىلەن، تەنھەرىكەت تىپىدىكى ئىچىملىكلەر، چۈنكى كوففېئىن كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن، شېكەر ياكى تاتلىق تەم خۇرۇچى قوشۇلمىغان قارا قەھۋە بۇنىڭ سىرتىدا بولۇشى مۇمكىن.

بۇ خىل قەھۋە كەيپىياتنى كونترول قىلىدىغان نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭە غول ھۈجەيرىسىدە يېڭى نېۋرون پەيدا قىلىدىغان نېرۋا مەنبەلىك نېرۋا ئوزۇقلۇق فاكتورىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

گەرچە قەھۋە تەركىبىدە كوففېئىن بولسىمۇ، ئەمما قەھۋەنى كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلغا ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز، چوقۇم مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشىڭىز ھەمدە بەدىنىڭىزنىڭ بىر كۈندە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قەھۋە مىقدارىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك، چۈنكى كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئوخشىمىغان ئىستېمال مىقدارى ئوخشىمىغان ئالاھىدە تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. ئەگەر سىز ھامىلدار بولسىڭىز، ھەرقانداق تۈردىكى قەھۋەنى ئىچىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

كەيپىياتنى بۇزىدىغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

ئەگەر سىز تەشۋىشلىنىش كېسىلى بولۇپ قالغان بولسىڭىز ياكى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يېمەكلىكتىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى ئۇلار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن:

شېكەر: شېكەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش ئوخشاش بولمىغان ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، روھىي ساغلاملىق ۋە ئومۇمىي ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. قان شېكىرى سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى كەيپىياتنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىڭىزنى ئاشۇرۋېتىشى مۇمكىن، چۈنكى قەنت مىقدارى ئادەم بەدىنىدە خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر: سىز چوقۇم بۇ يېمەكلىكلەردىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرۇشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئادەتتە پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدا شېكەر ياكى يېلىم، ترانس مېيى، سۈنئىي تاتلىق تەم تەڭشىگۈچ ۋە باشقا بىرىكمە تەركىبلەر ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئاچچىقلىنىش ۋە چۈشكۈنلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش