ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

ھەر يۈز مېتىردا بىر مەنزىرە، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ بۇ كوچىسىدا 16 مەنزىرە نۇقتىسى بار
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-12-12 17:08:31

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن، لى خۇيلىڭ خەۋىرى، فوتوسى) ھەر بىر شەھەردە ھېكايىسى بار بىر كوچا بار. شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى جۇڭگو-رۇسىيە كونا پورت ئۆرپ-ئادەت كوچىسى دەل ھېكايىسى بار كوچا، بۇ يەردە 16 ھېكايە «بىرلىشىپ» 16 مەنزىرە نۇقتىسىنى پەيدا قىلغان، پىيادە ماڭغاندا ھەر ئىككى مىنۇتتا بىر مەنزىرىنى كۆرگىلى، بىر ھېكايىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر بۇرچىن ناھىيەسى جۇڭگو-رۇسىيە كونا پورت ئۆرپ-ئادەت كوچسى مەنزىرە رايونى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مەنزىرە نۇقتىسى ئەڭ كۆپ تارقالغان كوچا بولۇپ قالغان. ئۈچ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ كوچا ئۆرپ-ئادەت، مال سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت ساياھىتى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەتچىلىك بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىگە ئايلانغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى جۇڭگو-رۇسىيە كونا پورت ئۆرپ-ئادەت كوچىسى مەنزىرە رايونىغا 350 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالغان بولۇپ، مەنزىرە رايوننىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىشلەتكەن، ھەمدە خېتى كەچلىك بازىرى، رۇسىيە ئۆرپ-ئادەت سودا پىيادىلەر كوچىسى، باۋيۈشى سودا كوچىسى، كۇڭزى مەدەنىيەت مەيدانى، قاناس تىياتىرخانىسى، تۇڭشىن كۆۋرۈكى، روشۈي كۆۋرۈكى، ئېرتىش دەرياسى مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، ئېرتىش دەرياسى يادرو قىلىنغان ئايلانما لىنىيەلىك ئىستىراھەت ساياھەت بەلبېغىنى شەكىللەندۈرگەن.

  بۇ يىل قىش، جۇڭگو-رۇسىيە كونا پورت ئۆرپ-ئادەت مەنزىرە رايونى بىر مەيدان «قار- مۇز كاتتا مەرىكىسى» ئۆتكۈزىدىكەن، مۇز ئۈستىدىكى پۇتبول مەيدانى، مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇپ چىقىپ، قار چەمبىرىكىدە قار تېيىلىش قاتارلىق مۇزدا كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى يولغا قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «زېرەكچاقلار ئائىلىسى» باش تېمىسىدىكى قار ئويما قاپارتما نەقىشلىك ئۇزۇن ھېكايە تېمى ياساپ، بۇ كوچىغا كىرگەن ھەر بىر ساياھەتچىگە مەرۋايىتتەك قار- مۇز دۇنياسىدا «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھىرى» نىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش