ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

قىش كىرگەن بولسىمۇ خوتەن كەچلىك بازىرىدا «ھارارەت» چۈشمىدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-12-12 17:02:04

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دوۋ شىڭجۈن فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدە گەرچە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن كەچ بولغاندا خوتەن كەچلىك بازىرى ساياھەتچىلەرگە لىق تولۇق، بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەنىدى، كۆپچىلىك بۇ جايغا كېلىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن بەھرە ئالدى.

«سەھنە ئەتراپىدىكى كەچلىك بازار تاماق ئۈستەللىرىنى ئىككى سائەت بۇرۇن زاكاز قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن، بولمىسا ئورۇن قالمايدىكەن» دېدى شەھەر ئاھالىسى رۇقىيە ئىلھام.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كەچلىك بازاردا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىدىن سىرت، يەنە چۇڭچىڭنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك پىنتوزىسى، تۈرلۈك دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا جايلارنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرىمۇ بار ئىكەن. ساياھەتچىلەر بۇ جايدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار كېچىلىك تۇرمۇشىدىن ھۇزۇر ئالالايدىكەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش