ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

  8- ئاينىڭ باشلىرىدىكى جامبۇلاق ئەڭ گۈزەل مەزگىلىگە كىرىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلاندى.   ئالتۇن رەڭلىك قىچا گۈلى دېڭىزى بىلەن سارغۇچ يېشىل بۇغدايلىقلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، شېئىرىي مەنزىرە ئەكىس ئەتتۈرگەن
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-08-19 18:04:51

  8- ئاينىڭ باشلىرىدىكى جامبۇلاق ئەڭ گۈزەل مەزگىلىگە كىرىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلاندى.

  ئالتۇن رەڭلىك قىچا گۈلى دېڭىزى بىلەن سارغۇچ يېشىل بۇغدايلىقلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، شېئىرىي مەنزىرە ئەكىس ئەتتۈرگەنىدى، مەنزىرە رايوننىڭ ئۆزگىچە ساياھىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

 جامبۇلاق مەنزىرە رايونى گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇ بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، تىيانشان غەلىتە يانباغرى، سۇلى قەلئەسى، ياغاچ ئاسما يول، خېيخۇ كۆلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئىگىلىنىشىچە، 2018 -يىلى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، ساياھەتچىلىك كىرىمى 400 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلانغان.


  مۇشۇ پەيتتە، 10 مىڭ مو بىنەم يەرنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى بۇغدايلار ئالتۇن رەڭگە كىردى، بىپايان ئالتۇن رەڭ كۆزنى قاماشتۇرۇپ، جامبۇلاقنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى.

  ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلار جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا كىرسە بىرقەدەر قولايلىق، ھەربىر مەنزىرىگە بارغاندا ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار، ساياھەتچىلەر مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرسا بولىدۇمەنزىرە رايونىدا يەنە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ، ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش