ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

شىنجاڭ ياخشى جاي丨ساياھەتچىلەرنىڭ غەربكە ساياھىتى: چېگرا ئېغىزىدا، جۇڭگونىڭ سۈرئىتىنى ھېس قىلىش
تەھرىر:ئېزىز سامساقمەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2019-08-01 18:33:26

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا): كۆز يەتكۈسىز رېلىس غايەت زور ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىسكىلاتىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، بىر ئۇچى جۇڭگوغا، يەنە بىر ئۇچى قازاقىستانغىچە سوزۇلىدۇ. ھەر كۈنى، كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ يەردە توختىماي ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ ماللىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۈزلۈكسىز توشۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قايتىش سەپىرىدە نۇرغۇن ماللارنى ئېلىپ كېلىپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاپىرىپ ساتىدۇ.

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئالاتاۋ پورتىدىكى دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

«ئالاتاۋ پورتىغا كىرىپ، جۇڭگونىڭ سۈرئىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، بۇ يەر ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ كونتېينېر ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىسكىلاتى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگودىكى تۇنجى دۆلەت ھالقىغان خام نېفىت توشۇش تۇرۇبىسى ۋە ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى؛ بۇ يەر جۇڭگو تۆمۈريولىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان ئەڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو قۇرۇقلۇق يولى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش چوڭ يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى؛ بۇ يەرگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك تاشقى سودا كارخانىلىرى يىغىلغان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىمپورت تاۋارلىرى بۇ يەرگە توپلانغان، بۇ، پورت ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ  سۈرئىتى جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىدا تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپتۇ» دېدى ساياھەتچى لى مۇ.

لى مۇ خەلقئارا ئۇچۇر ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تاراتقۇ تورىدىكى ساياھەتچى بولۇپ، 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا بارغان، ئۇ بۇ قېتىم تەكلىپكە بىنائەن «شىنجاڭ ياخشى جاي. ساياھەتچىلەرنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى ئالتىنچى مەۋسۇم  گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارنى تولۇق كېزىش» تور باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 17 ساياھەتچى بىلەن ئالاتاۋ پورتىغا كېلىپ، ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۆزنەكنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى بىۋاستە ھېس قىلدى. «پۇرسەت بولسا، مەن يەنە شىنجاڭغا كېلىپ بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ كېتىمەن، ئىشىنىمەنكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ» دېدى لى مۇ.

ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈريول كونتېينېر ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىسكىلاتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 822.8 مېتىر، كەڭلىكى 24 مېتىر، لىق يۈك بېسىلغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىككى سائەتتىلا يۈك ئالماشتۇرۇپ بولدى.

ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئالاتاۋ پورتى تۆمۈريولى ئۆي ئىچى ئالماشتۇرۇش ئىسكىلاتىدا، بۇ يەردىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالماشتۇرۇش لى مۇدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. پۈتۈن ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىسكىلاتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 822.8 مېتىر ، كەڭلىكى 24 مېتىر بولۇپ، بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە مېڭىش ئۈچۈن ئون نەچچە مىنۇت يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىسكىلاتىغا يېقىن ئىككى رېلىس بار، بىرى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك رېلىسى، يەنە بىرى قازاقىستانغا تۇتىشىدىغان كەڭ رېلىس. بۇ يەردە لىق يۈك بېسىلغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىككى سائەتتىلا يۈك ئالماشتۇرۇپ بولىدۇ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، بىر كۈندە 300 كونتېينېرنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ زامانىۋى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىسكىلاتى بولغاچقا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى. نۆۋەتتە، ئالاتاۋ پورتى ئاچقان جۇڭگو-ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا تۆمۈر يولى لىنىيەسىدىن 60ى بولۇپ، جەمئىي 10 مىڭغا يېقىن پويىز قاتنايدۇ، بۇ، مەملىكەت بويىچە جۇڭگو-ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ، ئالاتاۋ پورتى تەرەققىي قىلىپ مەملىكەت بويىچە مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى ئەڭ كۆپ، تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز قۇرۇقلۇق پورتى ھەم جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەڭ زىچ تۈگۈن پورت بولۇپ قالدى.

جۇڭگو-قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبىسى تۇنجى پونكىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ساياھەتچىلەر تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت ھالقىغان خام نېفىت تۇرۇبىسىجۇڭگو-قازاقىستانخام نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلۇش، ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. كۆپچىلىك خام نېفىت تۇرۇبىسىدىن 121 مىليون توننا نېفىتنىڭ ئىمپورت قىلىنىپ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ داچىڭ نېفىتلىكىنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات مىقدارىغا تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەردىن پەخىرلەندى. « جۇڭگو-قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى ئېلىمىزنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان پەقەت دېڭىز، پويىز ئارقىلىق ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى.» لى مۇ ئېلان قىلغان ماقالىسىدە شۇنداق دېدى.

«ئادەتتە كۆپچىلىكنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خىزمەت، تۇرمۇش تەسىراتى ئۇنچە روشەن بولماسلىقى مۇمكىن، پەقەت دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى ۋە بەختلىك تۇرمۇشنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز، شۇندىلا گۈزەل شىنجاڭدا ياشاشنىڭ بەختىنىمۇ ھېس قىلالايسىز» دېدى ساياھەتچى جوۋ چاۋخۇي.

ساياھەتچىلەر ئالاتاۋ پورتى مەركىزىي شەھەر كۆرگەزمە سارىيىدا، ئالاتاۋ پورتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى چۈشەنمەكتە.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چېگرىسىدىكى ئالاتاۋ پورتى يېڭى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى جۇڭگو بۆلىكىنىڭ غەربىي ئۇچىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شەرق-غەرب يولىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىگە جايلاشقان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۈچ چوڭ ئىقتىساد چەمبىرىكى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا قۇرۇقلۇق يولىنى ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تۈگۈنى ئىكەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئالاتاۋ پورتىدا قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 851گە يېتىپ، يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئېشىپ، مال قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 70 ئاشقان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچ ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغىنى پائال بەرپا قىلىپ، شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئۈچ چوڭ خەلقئارا يول بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىن يولغا چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ياۋروپا-ئاسىيادىكى 19 دۆلەت، 26 شەھەرگە بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى تارىخىي يېڭى پەللىگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش