تىيانشان تورى خەۋىرى: چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىگە جايلاشقان بەيلىدەنشيا «داكا قىلىدىغان جاي»غا ئايلاندى، بۇ جاي «تىيانشان جۇغراپىيەلىك مەنزىرە كارىدورى» دەپ ئاتالدى. «جياڭسەندو كۆۋرۈكى» تاماشا قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كەچكى شەپەقنى تاماشا قىلغاندا، كۆك ئاسمان ئاستىدىكى مۇزلۇق قارلىق دالا بىلەن قىپقىزىل دەنشيا يەر شەكلى بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى