ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

«بۈگۈن مەن ئوقۇتقۇچى بولاي»
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەتمەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2019-09-11 17:55:03

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 9-سىنىپتىكى خې جيالۇ (ئوڭدا) ۋە جېڭ يۈەنرۇلار 1-يىللىق 9-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، جېجياڭ ئۆلكىسى جۇجى شەھىرى خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى «مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، مەن بىر قېتىم كىچىك ئوقۇتقۇچى بولاي» دېگەن تېمىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ دەرس تەييارلىغاندىن كېيىن، تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈپ، «رول ئېلىش» جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلدى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 6-يىللىق 7-سىنىپتىكى يۈ لۇياۋ 2-يىللىق 7-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتمەكتە.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2-يىللىق 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرى يىللىقتىن كەلگەن «ئوقۇتقۇچى»سىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قول كۆتۈرمەكتە.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەيلياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6-يىللىق 10-سىنىپتىكى ساۋاقداشلار «دەرس تەييارلاپ» تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەن چۈەنخاۋ فوتوسى


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش