دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ئالتاي شەھىرى: ھەقسىز قار تېيىلىش! قار ماكانىدىكى بالىلارغا خۇش خەۋەر
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-21 17:31:30

 ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: تېخىمۇ كۆپ بالىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش، قار ماكانىدىكى بالىلارنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ماھارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىز ۋە ئېتىبار باھالىق قار تېيىلىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى قار تېيىلىش مەيدانىغا باشلاپ كىرىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىشىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالتاي شەھىرىنىڭ قىش پەسلىدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرىنى قانات يايدۇرۇشتىكى سىناقلارنىڭ بىرى. بۇ قىش پەسلىدە، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنى ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ھەر دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كۈندىلىك مەيدان (چاغاندىن باشقا)دا، ۋىلايەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى 18 ياشتىن تۆۋەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىز قار تېيىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

  ئالتاي شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى زۇ جيايى مۇنداق دېدى: «تەنتەربىيە دەرسىدە ھەقسىز قار تېيلىمىز، قىشلىق تەتىلدىمۇ ھەقسىز قار تېيىلىمىز، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇق، دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قار تېيىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرەلەيمىز».

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 2021-يىلى قار پەسلى ئاخىرلاشقۇچە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كىملىكى، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئارقىلىق، ھەقسىز ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، ئۆزى قار تاختىسى ئېلىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز قار تېيلىيالايدۇ، قار تېيىلىش سايمانلىرىنى ئىجارىگە ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدىكەن (پەقەت قار ئايىغى، قار تاختىسىلا ئىجارىگە بېرىدىكەن).

  جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى كارخانا پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چېن ياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى «300 مىليون كىشى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش» چاقىرىقىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ «قار تېيىلىش دەرسى»نى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شۇ جاينىڭ قار-مۇز ھەرىكىتى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقان.

  (ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئۇلان)


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش