دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

قاغىلىق ناھىيەسى: نامرات بالىلار شاڭخەيدىن ئەۋەتىلگەن «مېھىر-شەپقەت» پوپايكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-01-21 17:29:47

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (قاغىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن رەيھانگۈل سىدىق، نۇرئەلى نۇرمەمەت خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بۇ ناھىيەنىڭ تۈگىچى يېزىسى بەشگەمە كەنتىدە «مېھىر-شەپقەت پوپايكىسى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 30 نامرات بالا شاڭخەي شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئەۋەتكەن مېھىر-شەپقەت پوپايكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

غۇنچەم نۇرئەخمەت مۇنداق دېدى: «تاغا، ھەدىلىرىم ئېلىپ كەلگەن پوپايكا بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن بەك ياقتۇردۇم».

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى ۋە خېڭيۈەنشياڭ گۇرۇھى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلار ۋە يېتىم، مېيىپ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتى بولۇپ، بۇ پائالىيەت ھەر مىللەت ئائىلىلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ بەردى.

ھازىرغا قەدەر، قاغىلىق ناھىيەسى شاڭخەي شەھىرىدىن كەلگەن «مېھىر-شەپقەت پوپايكىسى»دىن 248دىن ئارتۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى.

كەنت ئاھالىسى بۇجىنات ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: «قاغىلىق بىلەن شاڭخەينىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراق، لېكىن شاڭخەيدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىزنى ياد ئېتىپ، بالىلارغا مېھىر-شەپقەت پوپايكىسى توقۇپ بەردى، بىز بالىلارنى دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەيمىز».


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش