دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

«بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-12-01 17:26:46

   شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، گۈزەل شىنجاڭ زادى قانداق؟ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «بالىلار سىزغان شىنجاڭ. 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجاد قىلىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. ھازىر تۇنجى تۈركۈمدە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى، بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.


«ئارزۇ. مېنىڭ ئائىلەم» (ئاپتورى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى 7-يىللىق 10-سىنىپتىن خاۋ مېڭيۈ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: يې جىڭ)


«ئارزۇ . 2035» (ئاپتور: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 4-سىنىپتىن لىنارا ئېركىن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خۇاڭ يىڭ)


«گۈزەل يۇرت» (ئاپتورى: شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 1-سىنىپتىن ليۇ يىڭچىڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ياڭ بىڭچىڭ)


«شەرقىي تىيانشان ئارزۇسى» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى خاڭگۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 2-سىنىپتىن ئاينۇر سەمەت؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خۇاڭ خۇيشيا)


«قۇملۇق بوستانلىقى پەلەككە يول ئالدى» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى خاڭگۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 2-سىنىپتىن ئابىدە سەمەت؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خې يۇڭگاڭ)


«كەلگۈسىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» (ئاپتور: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىق 6-سىنىپتىن شى شۈەندو؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ ۋېن)


«2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش، مېنىڭ يۇرتۇم» (ئاپتور: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 2-سىنىپتىن لى جىنلىن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جيا لىڭچياۋ)

«2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» (ئاپتور: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 4-سىنىپتىن لى رۈيشۆ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: لېي يۈ)


     «كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

  ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

  2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

  ئەسەر تەلىپى:

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

  قاتنىشىش ئۇسۇلى:

  بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

  ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

  «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش