ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2020-04-08 18:18:08

ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى ھازىرقى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا مەكتەپلەردە يۇقۇم يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامانلىقى، ساغلاملىقىنى قوغداش، مەكتەپلەرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە ئايرىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇش باشلىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورمال ئەسلىگە كېلىشى ئاساسىدا چىقارغان مۇھىم قارارى. ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپكە قايتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مائارىپ ئوقۇتۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ قاتتىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك. تەدبىرلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇش باشلاش خىزمىتى لايىھەسى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش خىزمەت لايىھەسى ۋە تۈرلۈك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلاپ، مەكتەپكىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىشلارغىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك، تەلتۆكۈس تۈزەپ، سىنىپ، ياتاق، ئاشخانا قاتارلىق ئادەم زىچ رايونلار ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش كۈچلىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق سەپلەپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چىن قەلب، چېن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، مەكتەپكە قايتىش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپكە قايتىش سەپىرىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بېكەتتە كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپكە قايتقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ غىزالىنىشنى باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توپلىشىپ غىزالىنىش ۋە يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ياتاقتا يېتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر بولغان مۇداپىئەلىنىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئوقۇتۇش پىلانىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ جايىدا بولۇشى، مەكتەپنىڭ بىخەتەر بولۇشى، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە كومىتېتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى شۆيۈەن، فاكۇلتېتلار، تارماقلار، سىنىپلار مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، سىنىپ مەسئۇلى، يېتەكچى قاتارلىق بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. مەكتەپتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدىكى بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاتارلىق بەش ئالىي مەكتەپنىڭ پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لى پېڭشىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئارىشاڭ مەكتەپ رايونىغا بېرىپ ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن رېن خۇا، لۇ شۈپىڭ يىغىنغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش