ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرسەتمىسىنى ياخشى ساقلىۋېلىڭ
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورى ۋاقتى:2020-03-31 11:52:35

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلىنىپ دەرس ئەسلىگە كەلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قانداق قىلغاندا مەكتەپتىكى خادىملارنىڭ مۇداپىئەلىنىشىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ دەرسخانا، ئاشخانا قاتارلىق ئاممىۋى رايونلاردا قانداق قىلىپ بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ جاڭ لىڭنى زىيارەت قىلدى.

«پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىدى، مەكتەپلەر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.» جاڭ لىڭ مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتى قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېزىنفېكسىيە قىلىش مەشغۇلات تەرتىپى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى بويىچە تەربىيەلەشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇش؛ سالامەتلىك ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، سالامەتلىكنى كۆزىتىش - ئۆلچەش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى سىرتقا چىقىش، قايتىش سەپىرى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، «كۈندە دوكلات قىلىش»، «نۆل دوكلات قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. مەكتەپلەردە ئايرىش ئۆيى تەسىس قىلىپ، خادىملاردا قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ۋاقىتلىق ئايرىش ئۈچۈن تەييارلاش كېرەك.

«مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.» جاڭ لىڭ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى مەكتەپكە كىرىش ۋاقىت بۆلىكىدە، يىللىقلار ياكى سىنىپلار بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ مەكتەپكە كىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆزئارا بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ - ئەكېلىدىغان ئائىلە باشلىقلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، مەكتەپ دەرۋازىسى سىرتىدا توپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىن كېيىن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردا مۇناسىۋەتلىك بىئاراملىق ئالامەتلىرى (قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، دىماق پۈتۈپ قېلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، گېلى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق)نىڭ بار - يوقلۇقىنى ئىگىلەپ، تىزىملاشنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئەگەر بىر قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشتە نورمالسىزلىق (بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃37.3تىن يۇقىرىلىقى) بايقالسا ئوقۇغۇچىنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئازراق ئارام ئالدۇرۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆلچەش؛ يەنىلا نورمالسىز بولسا، مەكتەپكە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ كېيىنكى قەدەمدىكى تەدبىرنى قوللىنىش زۆرۈر.

«شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ماسكىنى توغرا تاقاش كېرەك.» جاڭ لىڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا تاقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قولنىڭ ئېغىز - بۇرۇنغا تېگىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە ئېغىز - بۇرۇننى قەغەز بىلەن توسۇۋېلىش، قەغەز بولمىسا جەينەك، يەڭ بىلەن ئېغىز - بۇرۇننى توسۇۋېلىش؛ خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك، ئېغىز - بۇرۇن ئاجرالمىلىرىنى قەغەز بىلەن ئوراپ قاپقاقلىق ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش؛ ئەخلەت تۇتقاندا، سىرتقا چىقىپ قايتىپ كىرگەندە، تەنتەربىيە سايمانلىرى ۋە مەكتەپ كومپيۇتېرى قاتارلىق ئاممىۋى بۇيۇملارنى ئىشلەتكەندە، ھاجەتتىن كېيىن، كۆز قاتارلىق «ئاسان يۇقۇملىنىدىغان» ئورۇنلارنى تۇتۇشتىن بۇرۇن، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن بىردەك قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن بىلەن ئېقىن سۇدا توغرا قول يۇيۇش ئۇسۇلى بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش، شۇنداقلا تېز قۇرۇيدىغان قول دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىنى ئىككى قولغا سۈرتۈپ ئۇۋۇلاش كېرەك.

«مەكتەپ ئىچىدىكى ھەرقايسى تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت سورۇنلىرى، مەسىلەن، دەرسخانا، ياتاق، كۇتۇپخانا، ئوقۇغۇچىلار تەجرىبىخانىسى، زال ئىچى تەنتەربىيە پائالىيەت سورۇنى، ئاشخانا، ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق رايونلاردا ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر كۈنى ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچ قېتىمدىن كەم بولماسلىقى، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.» جاڭ لىڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى يۈزتۇرا يېقىن تۇرۇپ پاراڭلىشىش ۋە ئويناشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرۇشى، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆيى مەكتەپكە يېقىنلىرىنىڭ مەكتەپكە پىيادە بېرىپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. پىيادە ماڭغاندا ئامال بار كىشىلەر توپىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى، ئادەم كۆپ سورۇنلاردا تۇرۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇش زۆرۈر بولغاندا پۈتۈن مۇساپىدە ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقاپ، ئاممىۋى بۇيۇملار ھەم بۆلەكلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى، مەكتەپكە بارغان ياكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە قولنى ئۆلچەملىك يۇيۇشى كېرەك. تونۇشلار ئۇچراپ قالسا ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.

غىزالىنىش جەھەتتە، ئۆزى تاماق ئېلىپ كېلىشتىن باشقا، مەكتەپ تاماق يەتكۈزۈش تۈزۈمىنى قوللىنىش ياكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ۋاقىت ئايرىپ غىزالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سورۇننى ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، مەكتەپ ئىچىدىكى بوشلۇق ۋە سورۇندىن تولۇق پايدىلىنىپ غىزالىنىش كېرەك. غىزالىنىشتىن بۇرۇن، قولنى جەزمەن ئۈزۈل - كېسىل پاكىز يۇيۇش، ئەڭ ئاخىرىدا ماسكىنى ئېلىۋېتىش، قاچا - قۇچىلارنى بىر ئادەم بىردىن ئىشلىتىش، ئىشلىتىپ بولۇپلا دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. غىزالانغاندا، «ئىمتىھان مەيدانى»ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوخشاش يۆنىلىشكە قاراپ ئولتۇرۇش، يىغىلىپ تاماق يېمەسلىك، تاماق يېيىش جەريانىدا پاراڭلاشماسلىق كېرەك.

دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە تازىلاش جەھەتتە، مەكتەپ ھەر كۈنى ئوقۇتۇش رايونى، دەرسخانا، ياتاق، كۇتۇپخانا، ئاشخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سورۇنلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلىشى ھەم خاتىرىلىشى؛ ئىشىك تۇتقۇچى، جۈمەك، پەلەمپەي تۇتقۇچى، ياتاقتىكى كارىۋاتلارنىڭ رېشاتكىسى، ئۆي ئىچى چېنىقىش سايمانلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىش يۈزىنى ھەر لىتىر سۇغا 250-500 مىللىگىرام ئۈنۈملۈك خىلور قوشۇلغان خىلور تەركىبلىك دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۈرتۈشكە، يەنە دېزىنفېكسىيەلەش ھۆل قەغىزى بىلەنمۇ سۈرتۈشكە بولىدۇ؛ ئاشخانىنىڭ تاماق(ئىچىملىك)قاچىلىرىدىكى قالدۇقلار چىقىرىۋېتىلىپ، يۇيۇۋېتىلگەندىن كېيىن، قاينىتىش ياكى ئۆتۈشمە پارلاندۇرۇش ئارقىلىق 15 مىنۇت دېزىنفېكسىيە قىلىنسا، تېرمودىنامىكىلىق دېزىنفېكسىيە ئىشكاپىغا سالسا ياكى ھەر لىتىر سۇغا 250 مىللىگىرام ئۈنۈملۈك خىلور قوشۇلغان خىلور تەركىبلىك دېزىنفېكسىيە دورىسىدا 30مىنۇت چىلاپ، قالدۇق دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى پاكىز چايقاش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ھاجەتخانا ۋە تازىلىق بۇيۇملىرىنى ھەر لىتىر سۇغا 500 مىللىگىرام ئۈنۈملۈك خىلور قوشۇلغان خىلور تەركىبلىك دېزىنفېكسىيە دورىسىغا چىلاپ ياكى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلەپ، 30 مىنۇت تەسىر قىلغاندىن كېيىن، پاكىز سۇ بىلەن پاكىز چايقىۋېتىلسە بولىدۇ. قۇرغاق ھاجەتخانىلاردا گەندە - سۈيدۈكلەرنى ئوچۇق قويماسلىق، كۈندىلىك تازىلىقنىڭ پاكىزلىقىنى كۈچەيتىش، ھاجەتخانىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى مۇھىتقا قارىتا دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، چىۋىن يوقىتىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، گەندە - سۈيدۈكلەرنىڭ يۈزىگە يېتەرلىك ئۆچۈرۈلگەن ھاك ياكى خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى چېچىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

«ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىياز پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىل، ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم مەكتەپكە ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى ياخشى قىلىپ، مەكتەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى ئەينەن يوللىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بۇرنى پۈتۈپ قېلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، گېلى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشى، باشقا ساۋاقداشلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك» دېدى جاڭ لىڭ.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش