ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

كۈچنى مۇجەسسەملەپ «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى ياڭرىتىش
تەھرىر:
مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2019-05-20 16:49:43


  5- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىدا ناخشا ساداسى ياڭراپ، لەرزان ئۇسسۇل ئوينىلىۋاتاتتى، 19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى رېپېتىتسىيە قىلىنىۋاتاتتى.

  بۇ يىللىق جۇڭگو ساياھەت كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر قىزىل ساياھەت، ئىستىراھەت - ئارام ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى، ساياھەت ئويۇنى كۆرسىتىش پائالىيىتى قاتارلىق 187 تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ ھەم 112 تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىدىن قانغىچە ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.

  بۇ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان داۋاملىشىش. بۇ يىل 1- پەسىلدە، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 21 مىليون 395 مىڭ 200 ساياھەتچى قېتىمنى كۈتۈۋالدى، ساياھەت كىرىمى 24 مىليارد 441 مىليون يۈەن بولدى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %67.31 ۋە %72.77 ئېشىپ، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلىدى.

  كىشىنى خۇشال قىلىدىغان سانلىق مەلۇماتنىڭ ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جانلىق ئەمەلىيىتى بار. شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئەۋزەللىكلەرنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ھالقىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسى بارغانسېرى تونۇلدى.

   ئاساسنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىش

  يېقىندا، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش باشلاش ئۈچۈن چوڭ قەدەم ئېلىندى. بۇ تۆمۈريول پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋىلايەت، ئوبلاست مەركىزىگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىدۇ، بۇنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولۇش رولىغا گەپ كەتمەيدۇ.

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چەي خۇڭخۇا پويىزنىڭ قاتنىشى تارباغاتايغا زور تۈركۈم ساياھەتچىنى باشلاپ كېلىدۇ، دەپ قارىدى. ھازىر، تارباغاتاي ۋىلايىتى «پويىزغا ئولتۇرۇپ تارباغاتاينى ساياھەت قىلىش» ساياھەت مەھسۇلاتىنى لايىھەلەپ بولدى.

  ئەزەلدىن، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە كەمتۈكلۈكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت ئىدى. بۇلتۇر، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. بولۇپمۇ، بۇ يىل، شىنجاڭ G30 لىنىيەسى ئۈرۈمچى − كۈيتۈن، داخۇاڭشەن − ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۆمۈريول يول تورى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى ئاساسىي غول لىنىيە قىلغان، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك يولىنى ئىككى قانات قىلغان تۆمۈريول «قاتناش چەمبىرىكى» بەرپا قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش، كېرىيە ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرى قاتارلىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئايرودۇرۇملارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاۋىياتسىيە تۈگۈنلىرىنى تۇتاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ ھەمدە بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، «ھاۋا يىپەك يولى»نى تېز سۈرئەتتە قۇردى.

  ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش سىگنالى راۋان بولماسلىق قاتارلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، بۇ يىل 346 ساياھەت ھاجەتخانىسى، 36 ماي قاچىلاش پونكىتى، 100 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 95 خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرۇش پىلانلاندى.

  ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى ۋە زاپاس كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

   «ساياھەت +» ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن رايون ساياھەت تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «ساياھەت +» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، بولۇپمۇ بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەت بىلەن مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، قاتناش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىقلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردى.

  بۇ يىل «1- ماي»لىق دەم ئېلىشتا، «ساياھەت + تەنتەربىيە» يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ ئات بەيگىسى تەكلىپ مۇسابىقىسى، ئاپتوموبىل - موتوسىكلىت جەمئىيىتىنىڭ 2019- يىللىق ئاپتوموبىل دالىدا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى، شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يازدا دالىدا قار تېيىلىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر قاتار مۇسابىقە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، زور بىر تۈركۈم قاتناشقۇچى، تاماشىبىن ۋە ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، «ساياھەت +» سەھىپىسى تېخىمۇ سەرخىللىشىدۇ. 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا، 2019- يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللې مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن بۇ مۇسابىقە تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

  ساياھەت ۋە تەنتەربىيەدىن باشقا، ساياھەت ۋە مائارىپ، ساياھەت ۋە يېزا - كەنت، ساياھەت ۋە مېتېئورولوگىيە قاتارلىقلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىمۇ تېخىمۇ كۆپ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ساغلاملىق ساياھىتى، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى، مەززىلىك تائاملار ساياھىتى قاتارلىقلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەھسۇلاتنى كۆپەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى بارغانسېرى زورايتىدۇ.

   تونۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى ياڭرىتىش

  يېقىملىق ناخشىلار، شادىمان ئۇسسۇللار، تاتلىق قوغۇن - تاۋۇزلار، نەپىس مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى... 5- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى ئاسىيا مەدەنىيەت - ساياھەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «كۆپ يول، كۆپ شەكىل، كۆپ تاراتقۇ» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپ خىل تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دەل جايىدىكى ماركېتىڭنى يولغا قويدى، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  14- نۆۋەتلىك جۇڭگو يىۋۇ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى سودا كۆرگەزمىسى ۋە 11- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭنىڭ 3600دىن ئارتۇق خاس ساياھەت تاۋىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان نۇرغۇن سودىگەر ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنى جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت تاۋارلىرى ئۈنۈملۈك تەشۋىق قىلىندى. شياڭگاڭ، ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى شۇ جايدىكى سودا - سانائەت ساھەسى، ساياھەت جەمئىيىتى، ساياھەت باشلامچىلىرى قاتارلىقلارغا شىنجاڭنىڭ ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  بۇ يىل، شىنجاڭ ماركېتىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتە، يېڭى تاراتقۇدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەت ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭ ئىچى - سىرتى، تور ۋە تور سىرتى»دىكى ھەمتۈرتكىلىك ماركېتىڭ، يۇغۇرما ماركېتىڭ، دەل جايىدىكى ماركېتىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىلىق ماركېتىڭ ئارقىلىق، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى ئىستېرېئولۇق ماركېتىڭ سۇپىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماركېتىڭ تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىككە كېلىش بىلەن ئايرىم بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن، مەركەزلىك كۈچەيدىغان، قاتلاملىرى ئېنىق بولغان، رايون ئىچى - سىرتى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ساياھەت ماركېتىڭىنى چوڭ تەشۋىق قىلىش، چوڭ تونۇشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرگۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش