2020-يىلى سودا ئېلېكتىر مىقدارى 73 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشتى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي): مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا توك مىقدارى 73 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئېشىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، كۆلەم جەھەتتە تارىخىي يېڭى رېكورتنى ياراتقان.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 2021-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسى يولغا قويۇلدى، 234 ئېلېكتىر ئېنىرگىيە ئابۇنىچىسى، 35 توك سېتىش شىركىتى ۋە 486 توك تارقىتىش كارخانىسى سودىغا قاتنىشىپ، پۈتۈشكەن توك مىقدارى 41 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەدە پۈتۈشكەن توك مىقدارى 9 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قاتلاندى، بۇ تۇنجى تۈركۈمدە پۈتۈشكەن توك مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، توك تارقىتىش كارخانىسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئابۇنىچىلىرى، توك سېتىش شىركەتلىرىنىڭ ھەرقايسى تۈردىكى بازار سۇبيېكتلىرى كەڭ دائىرىدە قاتناشقان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا سۇپىسى. قۇرۇلغاندىن بۇيان، سودا مەركىزى بازارلاشقان سودا تۈرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ تۇراقلىق توكنى يۈرۈشلەشتۈرۈش يېڭى ئېنېرگىيەسى بىلەن شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ سەپلىمە سودىسىنى يولغا قويۇپ، ھەرخىل تۈردىكى يېڭى ئېنېرگىيە سەپلىمە سودا مىقدارىنى 53 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشلىتىلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.