ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋېي لىڭيۈن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ۋىلايەت 275 كارخانىنىڭ 2019 ـ يىللىق مائاش كىرىمى ئەھۋالىدىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشىغا سۇنغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ۋېيشىن سۇپىسىدا 18 كەسىپ، 188 ئىش تۈرى (ئىش ئورنى)بويىچە ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ مائاش يېتەكچى باھاسىنى ئېلان قىلغان، بۇ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، كارخانىلارنى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىشكە يېتەكلەش، ئەمگەكچىلەر بىلەن كارخانىچىلار مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ مائاش يېتەكچى باھاسى ــ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئۇللۇق خىزمەت، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا تەمىنلەنگەن يېتەكچى خاراكتېرلىك ئۇچۇر بولۇپ، بۇنى كارخانىلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، ئەمگەكچىلەر ئىش ئىزدەش، شۇنداقلا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىپ مائاش سەۋىيەسىنى بېكىتىشتىكى مۇھىم ئىسپات قىلىشقا بولىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلارنىڭ مائاش تەقسىماتىغا بولغان ماكرولۇق كۆزىتىشى ۋە تەڭشىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىش تۈرى (ئىش ئورنى) مائاش كىرىمى تەقسىمات ھالىتىنى توغرا ئىگىلىشى ئۈچۈن، ۋىلايەت قىسمەن كەسىپ، قىسمەن ئىش تۈرى (ئىش ئورنى)نىڭ مائاش كىرىمىدىن نۇسقا ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ مائاش يېتەكچى باھاسى يېتەكچى خاراكتېرلىك ئۇچۇر بولۇپ، بۇنىڭدا بېكىتىلگەن ئىش تۈرى (ئىش ئورنى) ئاساسەن ۋىلايىتىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق ئومۇملاشقان ئىش تۈرى (ئىش ئورنى)گە تەۋە، ئۇ، خېلى يۇقىرى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەن. ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ مائاش يېتەكچى باھاسى ھەربىر كەسىپ (ئىش تۈرى)نىڭ «تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى» باھا دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەربىر كەسىپ (ئىش تۈرى) ئىش ئورنىنىڭ يۇقىرى باھا سوممىسى ئادەتتە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى خېلى ياخشى كارخانا ياكى تېخنىكا ماھارەت سەۋىيەسى خېلى يۇقىرى خادىملارنىڭ باھا سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن، تۆۋەن باھا سوممىسى ئادەتتە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ناچارراق، شۇنداقلا تېخنىكا ماھارەت سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن خادىملارنىڭ باھا سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەكچىلەر مائاش يېتەكچى باھاسىدىن پايدىلانغاندا، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئەھۋالى ۋە ئەمگەكچىلەر بازىرىنىڭ تەمىنلەش ـ تەلەپ ئەھۋالى، شۇنداقلا ھەرقايسى تەرەپنىڭ شارائىتى ھەم ئىقتىدارىنى تەڭ ئويلىشىپ، باراۋەر كېلىشىپ، ھەرخىل ئىش تۈرى (ئىش ئورنى)نىڭ مائاش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى لازىم ئىكەن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش