دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىز خاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2020 ـ يىللىق جېجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
تۈر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زاكازنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-24 17:02:48

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ يەنفېڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2020 ـ يىللىق جېجياڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىنىڭ ئاساسلىق يەرمەنكە مەيدانى بولغان خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شياۋشەن رايونىدىكى شىننۇڭدوۋ كۆرگەزمە مەركىزىدە، 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ۋىلايەت ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بىر تۈركۈم تۈر ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم زاكازلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنىڭ دەل جايىدا ئۇدۇللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىشتاب قوماندانى جۇ لىنسېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خۇڭجۈن تەبرىك سۆزى قىلدى. يىغىندا، ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ قۇمتام يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈش، ماركا يارىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى.

تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، كەڭ سودىگەرلەر ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ۋىلايىتىمىز بىلەن  بەس ـ بەستە كېلىشىم ئىمزالىدى. جېجياڭ جياشىڭ شەھىرى شياۋتاڭشىن مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى، جېجياڭ مەيشاڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ھەم شاڭجەي شۈەنيۈەن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق كارخانا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ۋىلايىتىمىزدىكى شىنجاڭ قۇمتام يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئاقسۇ تىيانشان سىرلىق ئورمان مېۋىچىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار بىلەن جەمئىي 400 مىليون يۈەنلىك ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ـ سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

«سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان 2020 ـ يىللىق جېجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 24 ـ كۈنىگىچە خاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يەرمەنكىنىڭ مەقسىتى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جېجياڭدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولىنى كېڭەيتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.

ۋىلايىتىمىز دۆلەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، دۆلەت بويىچە مۇھىم ئاشلىق بازىسى ۋە ئۆزگىچە باغ ـ ئورمانچىلىق بازىسى بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىگە ئايلانغان. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ۋىلايەت كەڭ سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلارنى ۋىلايىتىمىزگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى، «ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئەڭ ئەلا بايلىق، ئەڭ گۈزەل مۇھىت، ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن، سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ ۋىلايىتىمىزگە مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە سودىگەرلەرنى ئۆز كۆرۈش، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىش، سودىگەرلەرنى بېيىتىشتەك ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، كەڭ سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلار ئۈچۈن ياخشى تەرەققىيات سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، چەكسىز تەرەققىي قىلىشتەك سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، 2020 ـ يىللىق جېجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە، ۋىلايىتىمىز ۋە بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھىرى جەمئىي 180 كىۋادرات مېتىرلىق يايما ئورنى تەسىس قىلىپ، جېجياڭ خەلقىگە «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش