ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخابرات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاڭ جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ فېڭ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ ئىدارە ئاقسۇنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل ساپلاشتۇرغان. ھازىرغا قەدەر، تولۇقلاپ قۇرۇلغان خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى كۆلىمى 124 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن، باشقا جايدا قۇرۇش ھەققىدىن 13 مىليون 682 مىڭ 400 يۈەننى تۆلىتىۋېلىپ، تۈزىتىش نىسبىتىنى %91.7 كە يەتكۈزگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى 2006 ـ يىلىدىن 2019 ـ يىلىغىچە بولغان خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ساھەسىدىكى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، باشقا جايدا قۇرۇش ھەققىنى يىغىش ـ تاپشۇرۇش، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، نۇقتىلىق تۈرلەرنى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، 2006 ـ يىلىدىن 2019 ـ يىلىغىچە بولغان خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىغا ئائىت 370 تۈرلۈك ئارخىپنى يىل ۋە تۈر بويىچە رەتلەپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇلۇش قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قىلماسلىق، تەستىقلاتماي قۇرۇلۇش قىلىش، باشقا جايدا قۇرۇش پۇلىنى نېسىي قالدۇرۇشقا ئائىت مەسىلە بار 39 تۈرنى ئېنىقلىدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، 2014 ـ يىلى ئاقسۇ ۋەنشىدا سانائەت ـ سودا چەكلىك شىركىتى سالغان توغراق مېھمانسارىيى تەستىقلاتماي قۇرۇش تۈرىگە تەۋە بولۇپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى يەر ئاستى ئۆيىنى بەلگىلىمە بويىچە سالمىغان ۋە ئىشقا كىرىشتۈرمىگەن، ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى (خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تەكشۈرگەندىن كېيىن، تاپشۇرۇشنى سۈيلەش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، شىركەت يەنىلا بەلگىلىمە بويىچە خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ھەققىنى تاپشۇرمىغان. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى (خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى) تۈرگە ئاساسەن تەدبىر قوللىنىپ، بۇ تۈردىكى 745 مىڭ 200 يۈەن خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى بويىچە باشقا جايدا قۇرۇش ھەققىنى تۆلىتىۋالدى.
ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لىن يىمىن مۇنداق دېدى: بىز ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، تەرەققىيات ـ ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە ئىدارىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇش ئۇقتۇرىشى، باشقا جايدا قۇرۇش ھەققىنى تاپشۇرۇشنى سۈيلەش ئۇقتۇرۇشى، جازالاش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈش، مەمۇرىي جازا بېرىش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش داۋامىدا ساقلانغان مەسىلە بار 39 تۈرنى بىرمۇبىر تۈزەتتۇق.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش