دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

قىزىل سۇ ئامبىرىغا 42 مىڭ تال شىنجاڭ يوغانباش بېلىقى قويۇپ بېرىلدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-24 17:05:25

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جياڭ شياۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ يۈ خەۋەر قىلىدۇ) 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى پەن ـ تەتقىقات ئورنى باي ناھىيەسىدىكى قىزىل سۇ ئامبىرىغا 42 مىڭ تال شىنجاڭ يوغانباش بېلىقى قويۇپ بەردى. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىل سۇ ئامبىرىغا شىنجاڭ يوغانباش بېلىقىنى سۈنئىي كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنى ئۇدا 15 يىل قانات يايدۇرۇشى بولۇپ، ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلگەن شىنجاڭ يوغانباش بېلىقى  جەمئىي 1 مىليون 262 مىڭغا يەتتى.

بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن بېلىجاننىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 10 سانتىمېتىرلىقتىن 20 مىڭ تال، 40 ـ 45 سانتىمېتىرلىقتىن 22 مىڭ تال بولۇپ جەمئىي 42 مىڭ تال بېلىجان قويۇپ بېرىلدى. بېلىجان قويۇپ بېرىش نەق مەيدانىدا، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى، باي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى، قىزىل سۇ ئامبىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 2000 تالدىن ئارتۇق بېلىجاننى ئىختىيارىي تاللاپ ئەۋرىشكە ئېلىپ، بېلىجاننىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈردى ھەم سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان جاينىڭ كارانتىن قىلىش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى چىقىرىپ بەردى. باي ناھىيەلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنى قويۇپ بېرىش ئەھۋالىغا نەق مەيداندا گۇۋاھچى بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ يوغانباش بېلىقى 1988 ـ يىلى دۆلەت تەرىپىدىن 1 ـ دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى جانلىق بولۇپ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دۆلەت تەرىپىدىن 1 ـ دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان بېلىق تۈرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ، قۇرۇقلۇقتىكى مۈشۈكئېيىق بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ، «سۇدىكى مۈشۈكئېيىق»، «بېلىق تۈرىدىكى تىرىك تاشقاتما» دېگەن نامى بار. يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، ئاز ئۇچرايدىغان بۇ بېلىق نەسلىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت 1999 ـ يىلى ۋىلايىتىمىزدە «جۇڭگو شىنجاڭ يوغانباش بېلىقىنىڭ ئەسلى نەسىل مەيدانى»نى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ يوغانباش بېلىقى بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ قوغداش، يىغىش، بېقىش، سۈنئىي كۆپەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ئېلىپ باردى. 2015 ـ يىلى، قىزىل سۇ ئامبىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ئامبار رايونى تەۋەسىدە شىنجاڭ يوغانباش بېلىقىنى بېقىش بازىسى قۇرغان ئىدى. ھازىر، بېقىش بازىسىدا بەش كىلوگىرامدىن سەككىز كىلوگىرامغىچە كېلىدىغان كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە ياۋا يوغانباش بېلىق (ئەركەك)تىن 10 ى، يەنە ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگىرامدەك كېلىدىغان تولۇق يېتىلمىگەن يوغانباش بېلىق (چىشى)دىن 200 نەچچسى بار، ھەر يىلى 100 مىڭ تال شىنجاڭ يوغانباش بېلىجىنى سۈنئىي كۆپەيتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى پەن ـ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: قىزىل سۇ ئامبىرىغا قويۇپ بېرىلگەن شىنجاڭ يوغانباش بېلىجانلىرى خېلى چوڭ بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 300 گىرامدىن 400 گىرامغىچە كېلىدۇ، ئۇلار پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە قويۇپ بېرىلگەن خېلى چوڭ 2 ـ ئەۋلاد شىنجاڭ يوغانباش بېلىجانلىرى ھېسابلىنىدۇ.

جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرى پەن ـ تەتقىقات ئورنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى، باي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، بىز شىنجاڭ يوغانباش بېلىقىنى سۈنئىي بېقىپ نەسلىنى قوغداش، سۈنئىي كۆپەيتىش، كۆپەيتىپ بېلىجان قويۇپ بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، بەلگىلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، كۆپەيتىپ بېلىجان قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ يوغانباش بېلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش