ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا خەۋەر قىلىدۇ) ئاقسۇ گېزىتخانىسى 5000 يۈەن، كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى 8824 يۈەن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 1100 يۈەن ...
11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى ئىلغار كەنتىدىكى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئالىيە ئەمەرنىڭ مومىسى مىلىكەم ئابدۇرېھىم 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا توختىماستىن «رەھمەت» دېدى.
مىلىكەم ئابدۇرېھىمنىڭ كېلىنى ئاسىگۈل مامۇت 2016 ـ يىلى ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات ئائىلە قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدە، نامراتلارنى يۆلەش كالىسى، ئىسسىق قوتان تۈرىدىن بەھرىمەن بولدى، ئۆزىمۇ مەھەللىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتى. 2019 ـ يىلى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۆلىشى بىلەن، بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويغان ئىدى.
«بالا ـ قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت ـ قولىنى ساڭگىلىتىپ»، دېگەندەك، بىر يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا، ئاسىگۈل مامۇتنىڭ ئالتە ياشلىق قىزى ئالىيە ئەمەرنىڭ ئىككى پۇتى تۇيۇقسىز سىرقىراپ ئاغرىپ، چىرايى تاتىرىپ، روھسىزلىنىپ كەتتى، يەنە تۇرۇپ ـ تۇرۇپ كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇراتتى، ئاسىگۈل مامۇت قىزىنى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىپ، كېچىلەپ ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىغا يۆتكىدى. دوختۇر ئالىيە ئەمەرگە جىددىي لىمفا ھۈجەيرىسى خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى دەپ دىياگنوز قويدى. بۇ كېلىشمەسلىك ئەسلىدىمۇ ئانچە باياشات بولمىغان بۇ ئائىلىنى ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە ئازابقا دۇچار قىلدى.
ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 ـ شۇجى ئالىمجان راخمان ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، گېزىتخانا پارتىيە كومىتېتىغا ئىنكاس قىلدى ھەمدە خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى ئالىيە ئەمەرگە ئاكتىپلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. گېزىتخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرمۇ بەس ـ بەستە پۇل ئىئانە قىلدى.
دېھقانلار ئالىيە ئەمەرنىڭ كېسىلىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلغۇچىلار سېپىگە قوشۇلدى. 90 ياشلىق دېھقان ياسىن ئىمىن 500 يۈەن ئىئانە پۇلىنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرلىرىغا بېرىپ مۇنداق دېدى: كىچىككىنە بالىنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى، بۇ ئاز بولسىمۇ مېنىڭ كۆڭلۈم.
ئۈرۈمچىدە قىزىنى داۋالىتىۋاتقان ئاسىگۈل مامۇت قېيىنئانىسى مىلىكەم ئابدۇرېھىمنىڭ ئىئانە پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: قىزىمنى داۋالىتىمەن دەپ خېلى كۆپ قەرز بولۇپ قالغانتىم، ئىئانە پۇل ھەقىقەتەن بەك ئەسقاتتى، ئاقسۇ گېزىتخانىسى پارتىيە كومىتېتى ۋە كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ قىزىمغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت. مەن چوقۇم قەيسەر بولۇپ، قىزىمنى ياخشى داۋالىتىمەن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش