ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز جاۋ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ يىڭ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 11 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىلايىتىمىزدە 2019 ـ يىلى ئۇنۋان ئالغان 9566 نەپەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى تۇنجى تۈركۈمدە ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسى»غا كىرىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى»نى چۈشۈرسە ياكى بېسىپ چىقارسا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ ۋىلايىتىمىزدە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىشكە باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇنۋان ئالغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىغا ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىدىكەن؛ 2019 ـ يىلدىن بۇرۇن ئۇنۋان ئالغان بولسا، قەغەزچە گۇۋاھنامە بىلەن ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى تەڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن. ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)» ۋە ئەڭ يېڭى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئىمزا قويۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، 2019 ـ يىلى ۋىلايەت بويىچە ئۇنۋان باھالاشتىن ئۆتكەن، دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن، ھەرقايسى تۈر (كەسىپ) بويىچە دەسلەپكى، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەن 9566 نەپەر كەسپىي تېخنىكا خادىمنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى توردا ۋاقتىدا رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئىمزا قويدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا توغرا، ئۈنۈملۈك ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى تەييار قىلغان.
ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئالاقىدار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىز «ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسى»دىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە دەلىللەش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن خادىملارنى ۋاقتىدا رويخەتكە ئېلىپ، ئىمزا قويدۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە سالاھىيىتىنى تەستىقلاش ھۆججىتى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى ۋاقتىدا ئېلىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئېلېكتىرونلۇق ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى گۇۋاھنامە بېجىرىش ھالقىسىنى ئازايتىپ، ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقىچە بولغان ۋاقىتنى قىسقارتتى، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىمۇ گۇۋاھنامىنى يۈتتۈرۈپ قويۇش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش