دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى شاڭخەيدە نامايان قىلىندى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-25 18:50:36

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇ يۈ خەۋەر قىلىدۇ) ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتى (گۈزەل سەنئەت سارىيى) ۋەكىللىرى 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە شاڭخەيدە «2020 ـ يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىسى»گە قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ مەقسىتى: 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت تاۋارلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)لىرىدىن بارغان ۋەكىللەر ئۆز جايىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇردى.

ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتى (گۈزەل سەنئەت سارىيى) دېھقانلار رەسىمى خاس IP ئامىلى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ساياھەت مەھسۇلاتلىرى قىلىنغان ئورگانىك گۈرۈچ مەھسۇلاتلىرى، مۇسەللەس ۋە ئۈزۈم ھاراقلىرى، كىيىم ـ كېچەك، زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرى، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىق تۆت چوڭ تۈردىكى 20 نەچچە خىل مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتىنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كارخانىلىرى ۋە سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتى ھەم پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتى (گۈزەل سەنئەت سارىيى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ بىن مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەت مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېكسكۇرسىيە سودىگەرلىرى ۋە سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلدى. كەسپىي زاتلار ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىپ، دولان دېھقانلار رەسىمى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى سەنئەت ئامىلى گەۋدىلىك، لايىھەلەش تۇيغۇسى كۈچلۈك، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، دەپ قارىدى. يەرمەنكە ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، مەھسۇلاتلارنى ئىجاد قىلىشنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايىتىمىزنىڭ خاسلىقىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر تۈركۈم ئېسىل سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى يارىتىمىز.

نەق مەيداندا ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇش، تەشۋىقات ۋە سودىگەر چاقىرىش تۈرى قوللانمىسى تارقىتىش قاتارلىق شەكىلدە، ئەنئەنىۋى ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار بىلەن ساياھەت تاۋارلىرى، ئەمەلىي بۇيۇم كۆرگەزمىسى بىلەن سىن تەشۋىقاتى، نەق مەيداندىكى ماھارەت ئويۇنى بىلەن ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىلىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى تاۋارلىرى بەس ـ بەستە سېتىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش