ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز رېن چۈنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈ يۈەنيۈەن خەۋەر قىلىدۇ ) 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، 4 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق سوتى خىزمىتى يىغىنىدىن كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى خانىقىتام خەلق سوتىنىڭ «مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىسى، خەلق سوتى خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ تەقدىرلەنگەنلىكى توغرىسىدا خۇش خەۋەر كەلدى. بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە 100 ئاساسىي قاتلام خەلق سوتى تەقدىرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى تۆت ئاساسىي قاتلام خەلق سوتى بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.
خانىقىتام خەلق سوتى كۇچا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئەۋەتكەن خەلق سوتى بولۇپ، 1987 ـ يىلى قۇرۇلغان، تەۋەلىكىدە تۆت يېزا (بازار) بار بولۇپ، 120 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ تۈرلۈك ھەق ـ تەلەپ ماجىرالىرىغا سوت ئېچىش، ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل. بۇ خەلق سوتى ئىزچىل تۈردە «ئادىللىق ۋە ئۈنۈم»نى باش تېما، «خەلقنى رازى قىلىش»نى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، «ئۈچتىن بۇرۇن مۇرەسسە قىلىش ئۇسۇلى»، «تۆت ھالقىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى»، «435»نى ئاساسىي قاتلام قانۇن خىزمىتىنىڭ مېخانىزمى سۈپىتىدە يولغا قويۇش ئاساسىدا، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «دەۋا بىلەن مۇرەسسەنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش»، «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، بىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ۋە «تۆتنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قىلىش» قاتارلىق يېڭى ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ، قانۇن بويىچە سوت قىلىش بىلەن خەلقنى مۇرەسسە قىلىشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ياخشى ھەل قىلىشتەك يېڭى يول شەكىللەندۈرۈپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى، تالاش ـ تارتىشلارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلدى، شۇنداقلا توردا دېلو تۇرغۇزۇشنى يولغا قويۇپ، زىددىيەتلەرنى توردا ھەل قىلىش سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، كۆپ قىسىم زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىدى. 2012 ـ يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، خانىقىتام خەلق سوتىنىڭ ھەر يىللىق ھەر خىل دېلولارنى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى %100 كە يەتتى.
خانىقىتام خەلق سوتىنىڭ باشلىقى ئەھمەت ھىمىت مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىسى، خەلق سوتى خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلىق روھىمىزنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قانۇن ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا تۆھپە قوشىمىز.
ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوتى ۋە بارلىق كادىر، ساقچىلارنى خانىقىتام خەلق سوتىنى ئۈلگە قىلىپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سوتىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، خەلق سوتىنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق سوتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق سوتىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق سوتىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت ـ ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن مۇلازىمىتى ۋە قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىق قىلدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش