ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
مۇخبىرىمىز جياڭ شياۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جۈن سېن، جۈن ۋېي
پاكىز، تۈپتۈز ئاسفالىت يوللار كەنت ئېغىزىدىن ھەرقايسى كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىغا بىۋاسىتە تۇتاشقان بولۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىرتۇتاش پىلانلاپ رەتلىك سېلىنغان ئۆيلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ھەربىر ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىغا ئۈزۈم بارىڭى ياسالغان ئىدى... ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى دەريابويى كەنتىگە كەلگىنىمىزدە پاكىز، رەتلىك، گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.
11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، بىز دەريابويى كەنتىگە بېرىپ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تارىخ ـ تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇشۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چياۋ چۈنشياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت كومىتېتىنىڭ ئالدىدىكى كەنت ئاھالىلىرى مەيدانى بولغان بەخت مەيدانىدا كەنتنىڭ قىياپىتىنى تاماشا قىلدۇق.ئىلگىرى بۇ كىچىك مەيدان ئىشلىتىلمىگەن بوش يەر بولۇپ، دائىم نۇرغۇن ئەخلەت دۆۋىلىنىپ تۇرغاچقا، مۇھىتقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنى مۇھىت تازىلىقى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، كەنت قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك، دەپ قارىدى ھەم ھەربىر ئائىلىگە ئىككىدىن ئەخلەت ساندۇقى سەپلەپ بېرىپ، دېھقانلارغا ئەخلەتلەرنى ئەخلەت ساندۇقىغا سېلىش ۋە تۈرگە ئايرىپ تۆكۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بەردى. شۇنداقلا ھەربىر كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىدا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئورنى تەسىس قىلدى، ھەربىر ئائىلە ئەخلەت ساندۇقى توشقاندىن كېيىن ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئورنىغا ئاپىرىپ بەردى. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ھېچكىم خالىغانچە، قالايمىقان ئەخلەت تۆكمىدى. 2019 ـ يىلى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مەبلەغ توپلاپ ھەم چاقىرىق چىقىرىپ، دېھقانلارغا كەنت ئاھالىلىرى مەيدانىنى بىرلىكتە قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، مەيدانغا ئازادە ئۇزۇن كارىدور، مەدەنىيەت تېمى ياسىلىپ، ئارچا، شاپتۇل قاتارلىق مەنزىرە دەرەخلىرى تىكىلىپ، ياغاچتىن تۇرنا، تۆگە، كالا، ئات، شال ئاقلاش ماشىنىسى ۋە گۈللۈك كۆلچەكلەر ياسىلىپ، ئىلەڭگۈچ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسۋابلىرى ئورنىتىلىپ، دېھقانلار ئارام ئالىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.
57 ياشلىق دېھقان پارتىيە ئەزاسى غۇجەك تۇنىياز مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت تېمىدىكى فوتو سۈرەتلەر بەكمۇ گۈزەل، سۈرەتلەردىكى مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى كەنتىمىزدىكى جايلاردۇر. شېئىرلارمۇ بەك پاساھەتلىك، مەيداننىڭ ئىسمى دېھقانلارنىڭ تەكلىپى بىلەن قويۇلدى، مەيداندىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى مەن ياسىغان! مەن ياغاچچىلىق قىلالايمەن، شۇڭا كەنت چاقىرىق قىلغاندىن كېيىن مەيدان قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارىدىم. ئىلگىرى نۇرغۇن جايلارغا بارغان ئىدىم، بىراق يەنىلا كەنتىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرىدا كەنتكە قايتىپ كەلدىم.
دېھقان ئېلشات ئوبۇل سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىگەن چاغلىرىدا ئۆي ـ مۈلۈك كارخانىسىدا بىرنەچچە يىل ئىشلىگەن بولۇپ، ئاۋات شەھەرلەرنى كۆپ كۆرگەن ئىدى، كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە، كەنتنى كۆكەرتىش، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشكە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، كەنتنىڭ كۈنسېرى گۈزەللىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئۈچ رايونغا ئايرىش»، «ھويلا ـ ئاراننى گۈزەللەشتۈرۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ھەم ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىمۇ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كىرىمىنى كۆپەيتتى، ھويلىسىنى گۈزەللەشتۈردى، يەنە پارتىيەگە كىردى. ئېلشات ئوبۇل مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن تۈرلۈك پائالىيەتلەردە داۋاملىق باشلامچى بولۇپ، بارلىق دېھقانلارنىڭ يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنتىمىزنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە گۈزەللىشىشىگە ھەسسە قوشىمەن.
دەريابويى كەنتىدىكى ھەربىر كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىدا كېڭەش راۋىقى بار، كەنتنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە ھەممە يەر، جۈملىدىن بۇلۇڭ ـ پۇشقاق ۋە بوش يەرلەرگىچە گۈزەللەشكەن بولۇپ، كەنتنىڭ كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزىدا «قارشى ئېلىش دەرۋازىسى» ھەمدە 56 پارچە تاشتىن قوراشتۇرۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەيدانى دېگەن خەت بار ...
«13ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ۋىلايىتىمىز يېزا ـ كەنتلەرنى تۈزەشنى يېڭى دەۋردىكى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، «1000 كەنتنى تۈزەش، 100 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ۋىلايەت بويىچە تۈرلۈك مەبلەغدىن جەمئىي 3 مىليارد 41 مىليون يۈەن چىقىرىپ، دېھقانلارنى تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، كەنت قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش