دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش چىراغنى ياندۇرسىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ. Li-Fi تېخنىكىسىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ قىشتىكى پادىچىلار ناخشىسى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى شىنجاڭ بىليارت كوماندىسى مەملىكەتلىك سىنوك كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى پۇتبول قىشلىق مەشىق لاگېرى باشلاندى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى 254 مەكتەپ، يەسلى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش بىلەن خوشلاشتى «شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ياۋا تالا تومۇرلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەسىملىك ئۆرنەكلىرى» دۆلەت پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشتى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ . 2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى شىنجاڭلىق يازغۇچى بى رەننىڭ «كىچىك بۈركۈت پامىردىن ئۇچۇپ ئۆتتى» ناملىق ئەسىرىگە تاجىك بالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خاتىرىلەندى 18 مىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا پەن-تېخنىكا ئوچۇق دەرسى ئاڭلىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاقسۇدا لېكسىيە سۆزلىدى
تەھرىر:گۈلگىنە مەمەت
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2020-11-25 18:57:45

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن خەۋەر قىلىدۇ) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئاقسۇدا ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر شۆبە لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم دوكلات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇ گاڭ لېكسىيە دوكلاتىدا مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، پايدىلىق شارائىت ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇش؛ 2035 ـ يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان ۋە «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، مۇھىم نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى توغرا ئىگىلەش؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەش؛ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ۋە 2035 ـ يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئىلمىي، سىستېمىلىق، ئەتراپلىق شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

نىياز ھاشىم مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ۋىلايىتىمىزگە كېلىپ لېكسىيە سۆزلىشىنى پۇرسەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ، پۇختا تۇتۇپ، نەتىجە ـ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

 نىياز ھاشىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىپ، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ۋىلايەت بويىچە كۆپ خىل شەكىللىك، كۆپ قاتلاملىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ۋىلايىتىمىزدە ئۈلگىلىك لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى تېزدىن باشلاپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ۋىلايەت، ناھىيە (شەھەر)، يېزا، كەنتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئاممىغا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە پۇقرا تەشۋىقاتچىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىدىن ـ نۇقتىغا، يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامغا ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ مېڭىسىگە، قەلبىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرنى مەۋقە قىلىپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان، پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يۇقىرى سەۋىيەدە پىلانلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تىنچ، ئىناق، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشى كېرەك.

لېكسىيە سۆزلەش دوكلات يىغىنى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىن شەكلىدە ئېچىلدى، ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ليۇ باۋشېڭ، ئەنۋەر مۆمىن، ما گوچياڭ، ۋاڭ كەيشۈەن، دۇ مىڭ، مەمەت ساۋۇت، ئېزىز مەتنىياز، چىن جيايوۋ، جيا جىڭلېي، چاڭ يۈشۈەن قاتارلىقلار ئاساسلىق يىغىن مەيدانىدا ياكى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى شۆبە يىغىن مەيدانىدا دوكلات ئاڭلىدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش