دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-31 11:00:36

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن فاڭ، خۇ خاۋ، خۇ جې، ۋېن جىڭخۇا

ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى يېڭىلىق يارىتىشتا؛

يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم يول ئىختىساسلىقلارغا ئېرىشىشتە.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن ـ تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دېگەن ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت.

سەمىمىي غەمخورلۇق، سەمىمىي تاپشۇرۇق، سەمىمىي ئۈمىد، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن بولغان تەسىرلىك ھېكايىلىرىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانى نامايان قىلىنغان.

ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق

«دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئادەمدە»

ئۇرۇق تاللاش، ئوغۇتلاش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەش ... سەھەر سائەت 6:00، بېيجىڭ پىڭگۇ رايونى شىفەنگېجۇاڭ كەنتىدە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسىنىڭ ئاسپىرانتى ۋاڭ ۋېنشىن تەجرىبە ئېتىزىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن كەنتكە ياردەملىشىپ 150 مو كېلىدىغان ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى بەرپا قىلغانىدى.

2023 ـ يىلى 4 ـ ماي ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، ۋاڭ ۋېنشىن ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە بىر ئالاھىدە جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالدى، ئىمزا قويغۇچى «شى جىنپىڭ» ئىدى. باش شۇجى خېتىدە مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ مەكتەپ تەسىس قىلغان پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى ئارقىلىق، ئېتىز باشلىرىغا ۋە يېزا ـ كەنتلەردىكى دېھقان ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى، ئىلىم ـ پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم».

1983 ـ يىلى زىمىستان قىشتا، خېبېي يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى جېڭدىڭلىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئەينى چاغدىكى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇۋالدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى:

«گەرچە <پەن ـ تېخنىكا قىزغىنلىقى> دولقۇنى كەڭ يېزىلاردا ئەۋج ئېلىپ جۇش ئۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق، ئىختىساسلىقلار تېخىمۇ يېتىشمەيدۇ!» «يېزىلار يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئوخشاشلا يېزىدىن ئايرىلالمايدۇ».

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە، ئىككى پارچە خەتنىڭ يېزىلىش ئارىلىقىدا 40 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇنداق بىر ئوي باشتىن ـ ئاخىر مۇستەھكەم ئىدى: ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتە، ئەڭ ئاچقۇچلۇق بىر ئىش زامانىۋى پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشقا تايىنىش، پەن ـ تېخنىكىنى ئىگىلىگەن مەخسۇس ئىختىساسلىقلارغا تايىنىشتىن ئىبارەت.

پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار... يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە باشتىن ـ ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ قېتىم پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۇلۇغۋار ئىشلاردا ئىختىساسلىقلار ئاساس.

«مەن جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغان چاغلىرىمدا، بۇ تەتقىقات يۇرتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پەن تەتقىقات يۇرتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، نامىنى ئۇزاقتىن بۇيان ئاڭلاپ كەلگەنىدىم!»

2023 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ شىجياجۇاڭغا جايلاشقان جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن ـ تېخنىكا كەسپى ئۇل تەتقىقات يۇرتىغا كەلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپلا تەتقىقات يۇرتىدىكى يولداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، بۇ، نەق مەيداندىكى ھەربىر پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىسىگە تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

40 نەچچە يىل ئىلگىرى، خېبېي جېڭدىڭغا يېڭىلا كېلىپ خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇشنىڭ جېڭدىڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر چوڭ كەمتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ «ئىختىساسلىقلارغا دائىر توققۇز ماددا»نى تۈزۈپ چىقىپ، جاي ـ جايلاردىن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، جېڭدىڭغا 700 پارچىدىن ئارتۇق خەت كەلدى، 200دىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلار قەدىمىي شەھەرگە ماكانلاشتى.

بۇ قېتىم شىجياجۇاڭغا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پەن ـ تېخنىكا ئاۋانگارتلىرىدىن، پەن ـ تېخنىكا چاسا سېپىدىن ئايرىلالمايدۇ».

پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك.

فۇجيەندە «ئوت ـ چۆپنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش» دېگەن ھېكايە تارقالغان.

2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، 3 ـ قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر ئىشنى ئەسلەپ ئۆتتى.

فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ زىيارەتكە كەلگەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى دۇڭگاۋدى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقىنى كۈتۈۋالدى. «مەن ئۇنىڭغا زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسىنى تونۇشتۇردۇم، بۇ ئۆلكە باشلىقى بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى قىزىقتى. مەن <تاغلىق رايون بىلەن دېڭىز بويى رايونىغا بولغان مۇھەببەت> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى لىن جەنشىنى شۇ جايغا ئەۋەتتىم».

لىن جەنشى «تاغلىق رايون بىلەن دېڭىز بويى رايونىغا بولغان مۇھەببەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسىنىڭ ئەسلىي تىپى، شۇنداقلا زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسىنىڭ ياراتقۇچىسى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ تۈرتكىسىدە، زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسى فۇجيەن ـ نىڭشيا نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش ھەمكارلىقى تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا لىن جەنشى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىغا بېرىپ زەمبۇرۇغ ئوتىنى ئومۇملاشتۇردى.

2000 ـ يىلى، بىر مەيدان ئالاھىدە مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى فۇجيەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، مەخسۇس بىر ئادەمگە مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى، شۇنداقلا فۇجيەننىڭ تۇنجى قېتىم پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىسىنى 1 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىشى ئىدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى دەل لىن جەنشى ئىدى. ئۇنىڭغا مۇكاپات تارقىتىپ بەرگۈچى ئەينى چاغدىكى ئۆلكە باشلىقى شى جىنپىڭ ئىدى.

مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پەن ـ تېخنىكا زىيالىيلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، خەلق ئاممىسى ئالقىشلايدىغان قالتىس تۆھپىلەرنى يارىتالايدۇ».

شىخەيگۇ تۇپرىقىدا پورەكلەپ ئېچىلىشتىن دېڭىز ـ ئوكيانلاردىن ھالقىشقىچە، شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، كىچىككىنە «جۇڭگو ئوتى» بۈگۈنكى كۈندە 100 نەچچە دۆلەتكە نەپ يەتكۈزىدىغان «بەخت ئوتى»غا ئايلاندى.

ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلىدى، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلىدى، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە باشتىن ـ ئاخىر چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببەت بېغىشلىدى.

2017 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان 600دىن ئارتۇق ۋەكىل بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، 90 نەچچە ياشلىق ئاكادېمىك خۇاڭ شۈخۇانىڭ ۋەكىللەر ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

2019 ـ يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مۇشۇ پەيتتە، مەن بەزى چاقناپ تۇرغان ئىسىملارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن. بۇ يىل ئاسماندا <نەن رېندۇڭ ناملىق يۇلتۇز> كۆپەيدى.» باش شۇجىنىڭ سۆزى بىلەن «تيەنيەن ئاتىسى» نەن رېندۇڭنىڭ ھېكايىسى ھەممە ئائىلىلەرگە تارقالدى.

ئالەم قاتنىشى بىلەن بىر ئۆمۈر ھەپىلەشكەن «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» تۆھپىكارى، ئاكادېمىك سۈن جيادۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» تارقىتىپ بەرگەن چاغدىكى كۆرۈنۈشنى باشتىن ـ ئاخىر ئېسىدىن چىقارمىدى.

2019 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، سۈن جيادۇڭنىڭ مېڭىشى قولايسىز بولغاچقا، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانىدى.

«شۇ چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مېنىڭ سول تەرىپىمدە ماڭغاندا قەدەملىرى مەردانە، كۈچلۈك ئىدى، بىراق ئۇ قەدەم سۈرئىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، مەن بىلەن يانمۇيان ماڭدى. بۇ ئىنچىكە تەپسىلات ماڭا چىن قەلبتىن چىققان يېقىنلىق، شان ـ شەرەپ تۇيغۇسى ھېس قىلدۇردى!» بۇ كۆرۈنۈش سۈن جيادۇڭنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە.

ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بەردى، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلەتتى، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

2023 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ جەنجياڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۆزى فۇجيەندە خىزمەت قىلغان چاغدىكى ئۆتكەن ئىشلارنى تىلغا ئالدى.

30 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەينى چاغدا نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان يولداش شى جىنپىڭ شۇ جايدىكى چوڭ سېرىق بېلىق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى ليۇ جيافۇ سۇنغان «فۇجيەننىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا دېڭىز سۈيى بېلىقى بېقىش تېخنىكىسىنى ئېچىش توغرىسىدىكى دوكلات»قا تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

«بۇ خۇددى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك چوڭ سېرىق بېلىق بېقىش تېخنىكىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى پىكىر يولى ۋە مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا بىز پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلىشىمىزغا ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلىدى» دېدى بۈگۈنكى كۈندە ياشىنىپ قالغان ليۇ جيافۇ تولىمۇ ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا.

«كىچىك زەمبۇرۇغ ئوتى»دىن «چوڭ سېرىق بېلىق»قىچە، نۇرغۇن قېتىم بىر خىل ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالماي ئىختىساسلىقلارنى تاللىدى، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ ئىختىساسلىقلارنى ئىشلەتتى، بۇنىڭ بىلەن تەجرىبىخانىدىكى يېڭى نەتىجىلەر پۇقرالارنىڭ «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندى.

«يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى چاقىرىدۇ».

2014 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىختىساسلىقلار قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، قابىلىيىتى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى».

2020 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئادەمدە».

2021 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 ـ قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىز يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىغا تايىنىشى كېرەك».

...

يېڭى مۇساپىدە، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشماقتا.

پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرى بىناسىنى تېخىمۇ ئېگىز قۇرۇشتا

«ئاچقۇچلۇقى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش كېرەك»

2023 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

«مەركىزىي كومىتېت پەن ـ تېخنىكا كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش» «پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇش»...

«پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى»دە «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش» بۇ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىدىكى ئاچقۇچلۇق كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى قويۇپ بېرىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تۇلپار ئۇلۇغ دەۋردە بەس ـ بەستە چېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئۆزى رەھبەرلىك قىلدى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، نۇرغۇن مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قارالمىسىنىڭ ھەممىسى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەۋاتقان بارلىق ئىدىيە توسالغۇسى ۋە تۈزۈم توسۇقلىرىنى تۈگىتىش، پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشقا قارىتىلدى.

«ئىختىساسلىقلارغا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى ئىختىساسلىقلارنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى توپلاش، ئۇلارنى كەڭ كۆلەمدە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشتا».

باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى تۇتۇش، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالاقىدار كونكرېت ئىشلارنىمۇ ياخشى باشقۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

ئۆزىنىڭ ئالدىراش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نىسبەتەن، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەنمۇ ئىلاجسىز ئەھۋاللارغا يولۇققانىدى: «مەنمۇ بەزىدە <سەھنىگە چىقىش>قا، سىنغا ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمەن!» بۇنداق باش قېتىنچىلىقىغا نۇرغۇن پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يولۇققان.

«تۈرلۈك يىغىلىش، مېھماندارچىلىق پائالىيەتلىرىگە پەن ـ تېخنىكا خادىملىرى ئازراق قاتناشسا ھېچقانداق زىيان كەلتۈرمەيدۇ! پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى بەزى ئەھمىيەتسىز كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش پائالىيەتلىرىگە، زۆرۈر بولمىغان باھالاش، باھا بېرىش پائالىيەتلىرىگە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق تۈسىنى ئالغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلدۇرۇۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ!»

2021 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 ـ قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ، يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى ـ سىرتىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

«دۆلىتىمىز پەن ـ تېخنىكا قوشۇنىدا غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى كۆمۈلۈپ ياتماقتا، ئاچقۇچ پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ خىل يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىشتە.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە ـ جاراڭلىق بولدى.

ئىسلاھاتتا باشتىن ـ ئاخىر «جۈرئەت قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلىش، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.

10 يىلدا، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تىرەك بولىدىغان تۈزۈم خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك رامكا ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزم پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتى:

«قابىللار باشلامچى بولۇش» «ئات بەيگىسى تۈزۈمى» ئالىملارنىڭ دادىل ئىزدىنىشىگە مەدەت بەردى، تېخىمۇ كۆپ ياش ئالىملار مۇھىم، زور پەن تەتقىقات ئېغىر ۋەزىپىلىرىنى زىممىسىگە ئالدى؛

«ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەش، ئۇنۋان ھەممىنى بەلگىلەش، ئوقۇش تارىخى ھەممىنى بەلگىلەش، مۇكاپات تۈرى ھەممىنى بەلگىلەش»تەك «تۆت ھەممىنى بەلگىلەش» ھادىسىسىنى تۈگىتىش ۋە «يېڭى ئۆلچەم تۇرغۇزۇش»نى بۆسۈش ئېغىزى قىلىش ئارقىلىق، پەن تەتقىقات خادىملىرى باغلاقتىن بوشىتىلدى، يۈكى يېنىكلىتىلدى؛

يېڭىلىق يارىتىش قىممىتى، ئىقتىدارى، تۆھپىسىنى يۆنىلىش قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىنماقتا، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ «باھار سۈيى» دولقۇنلىدى؛

...

پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرى بىناسىنى تېخىمۇ ئېگىز قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ.

2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، بىر مەيدان ئالاھىدە بولغان ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا، ئىختىساسلىقلار مەسىلىسى قىزىق نۇقتا تېمىسىغا ئايلاندى. ھەربىر سۆزلىگۈچى چەكسىز ھاياجانلاندى، سەمىمىي سۆز قىلدى.

ئاكادېمىك ياۋ چىجى مۇكەممەل بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بويىچە قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

ئاكادېمىك شى يىگۇڭ شىخۇ داشۆسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ، ئۇ جاينىڭ ئىلغار پەن ـ تېخنىكا بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

...

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىلاپ سۆز قىلدى، ئارىلاپ خاتىرە قالدۇردى. باش شۇجى مۇنداق دېدى: «بىز ئوخشاش ھېسسىياتتا! دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئادەمدە. دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، ئادەم يۈز يىلدا».

ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە يېتىشتۈرۈش توغرىسىدا، باش شۇجى چوڭقۇر ئويلىنىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە قەدەمنى يەنىمۇ چوڭراق ئېلىشىمىز كېرەك. قەدەمنى چوڭراق ئالغاندىمۇ يۈرەكلىك بولۇپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ جانلىق مېخانىزمنى كىرگۈزۈشىمىز كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلدى.

جېجياڭدىكى نۇرغۇن پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىسى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، بىزنىڭ «ئارقا سەپ بۆلۈم باشلىقىمىز»، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «غەمگۈزارى» ئىدى. ئۇ دائىم ئالىملارغا ئۈزلۈكسىز «ئىللىقلىق» ۋە «قىزغىن ھارارەت» يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە «سوغۇق ئورۇندۇق»نى ئىللىتتى.

2005 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، خاڭجوۋدا يېڭى دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىۋاتقىنىغا ئۈچ يىلغا يېقىن بولغان چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن دوكتور دىڭ ليېمىڭ نەچچە كېچە ئويلانغاندىن كېيىن، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭغا بىر پارچە خەت يېزىشنى قارار قىلدى.

ۋەتەنگە قايتقاندىن بۇيان، دىڭ ليېمىڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئۆپكە راكى نىشانلىق دورىسىنى كىلىنىكىدىن ئىلگىرى تەتقىق قىلىشنى تاماملىدى. ھالبۇكى، تەستىق ھۆججىتىنى ئالالمىغاچقا، كىلىنىكىلىق تەجرىبىنى ئالغا سىلجىتقىلى بولمىدى.

ئىنتايىن تەخىرسىز ئەھۋالدا، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىغا يېزىلغان بۇ خەت دىڭ ليېمىڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ «ئاخىرقى ئۈمىدى» بولۇپ قالدى.

دىڭ ليېمىڭنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى شۇ بولدىكى، بەش كۈن ئۆتۈپلا يولداش شى جىنپىڭ بۇ خەتكە تەستىق سالدى، يەنە خەتتىكى ئاچقۇچلۇق جايلارغا سىزىق سىزىپ قويدى.

يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىقتىساد ـ سودا كومىتېتى، ئۆلكىلىك يېمەكلىك ـ دورا نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى تېزدىن دىڭ ليېمىڭنىڭ كوللېكتىپىغا كېلىپ، يېڭى دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە كارخانىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى ھەم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن پائال ماسلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى.

پەن تەتقىقات يولى توسالغۇلارغا تولغان ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان بولىدۇ، بۇ كۆڭۈل بۆلۈش دىڭ ليېمىڭنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىنى يورۇتتى.

دىڭ ليېمىڭ بۇ تۈرگە تايىنىپ، 2015 ـ يىللىق دۆلەت پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

خەلق سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ ليېمىڭ ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىغا قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى: «بىز ۋەتەنگە چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ۋەتەن بىزگە ئۆز قىممىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سۇپا ۋە پۇرسەت بەردى...»

بۇ، دىڭ ليېمىڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇشى بولۇپ، باش شۇجىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش نەزەرى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدۇ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باش چۆكۈرۈپ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى ئېسىل ئۇرۇققا ئوخشايدۇ، ئىنتايىن تېپىلغۇسىز، ئۇلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك.

2003 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا قىيىنچىلىق ۋە تەمىنات مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ كۆپچىلىكتىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ مەسىلىلەر ھەل بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساش بازىسى − دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 221 ـ زاۋۇتتىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، 221 ـ زاۋۇتتىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى ياخشىلاندى، ئۇلار كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى، ئالاقىدار ئورۇنلار يەنە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىپ بەردى، مەھەللە مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈردى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتمەكتە.

2017 ـ يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز 5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىنى «مەملىكەتلىك پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» قىلىپ تەسىس قىلدى. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ئالاھىدە كۈن يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ ياكى خەت ئەۋەتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن: «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، باغلاقنى بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى تەلەپ قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جاھاندىكى تالانتلىقلار جۇڭگوغا جەم بولىدىغان، ھەممە ئۆز قابىلىيىتىنى ئەركىن نامايان قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 90 مىليوندىن ئارتۇق پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىسى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي جان تىكىپ كۈرەش قىلماقتا.

دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان

«دۆلىتىمىزدىكى كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ»

2023 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەيۋەتلىك جۇمۇلاڭما چوققىسى يەنە بىر قېتىم تارىخقا گۇۋاھ بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ 13 نەپەر ئەزاسى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى.

ئالتە يىل ئىلگىرى، 2 ـ قېتىملىق چىڭخەي ـ شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش ـ تەتقىق قىلىش باشلانغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كۆپچىلىكنى «پېشقەدەم ئالىملارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇش»قا ئىلھاملاندۇرغانىدى.

خەتەرلىك چوققىغا چىققاندىلا، كۆز يەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ھەم شۇنداق.

«ئىلىم ـ پەندە داغدام يول يوق، جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي تىك تاغ يولىنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلىگەن ئادەمنىڭلا شانلىق يۇقىرى پەللىگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ماركسنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشكە ئىلھاملاندۇرغانىدى.

سەمىمىي ئۈمىد يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇرانە ئىرادىنى ئۇرغۇتتى.

2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ گاۋتيېسىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ جاڭجياكوۋ مۇسابىقە رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. تەيزىچېڭ بېكىتىدە، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئۈلگە دەل گاۋتيې، ئۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىرگۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىپ قايتا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقىچە بولغان جەرياننى بېسىپ ئۆتتى، ھازىر دۇنيادا باشلامچى ئورۇنغا ئۆتتى».

بۇ سۆزلەر بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ گاۋتيېسىنىڭ «گۈللىنىش ناملىق» ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى جۇ يەننى تېخىمۇ روھلاندۇردى.

2015 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇ يەن تۇرۇشلۇق جۇڭگو پاراۋۇز گۇرۇھى چاڭچۈن رېلىسلىق يولۇچىلار پويىزى پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. باش شۇجى قۇراشتۇرۇلۇپ بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوق پويىز گۇرۇپپىسىغا چىقىپ، ئىقتىدارى، ئەسلىھەلىرى، مەشغۇلات قىلىش ـ يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنى «پۇرسەتنى تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش»كە ئىلھاملاندۇردى.

بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار، سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇپ چىقىش نىشانى كۆزلەندى. بۇ سۈرئەت ئەينى چاغدا دۇنيادىكى قاتناۋاتقان گاۋتيېرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنى لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ياساشتا ئۆرنەك قىلغۇدەك تەييار تەجرىبە يوق ئىدى.

كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، كۈچ توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىندى. جۇ يەن تۇرۇشلۇق كوللېكتىپ ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى مەسىلىسىگە قارىتا يېپيېڭى لايىھە تۈزۈپ، «گۈللىنىش ناملىق»نىڭ قارشىلىق كۈچىنى «ئىناقلىق ناملىق»قا قارىغاندا %11 تۆۋەنلەتتى.

2019 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياسىغان بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

«1909 ـ يىلى بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ تۆمۈريولى پۈتكەنىدى؛ 2019 ـ يىلى بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاندى. ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياساشتا نۆلنى بۆسۈشتىن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشكىچە، سائەتلىك سۈرئىتى 35 كىلومېتىردىن 350 كىلومېتىرغا يېتىشكىچە، بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ لىنىيەسى جۇڭگو تۆمۈريولىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئۇچقاندەك يۈكسەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى. قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى ھەم يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش، جۇڭگولۇقلارغا تەۋە «ئۆز ئائىلىسى»گە ئىگە بولۇش ئىلگىرى سانسىزلىغان ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئارزۇ رېئاللىققا ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئالەم بوشلۇقىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان شېنجوۋ 10 ـ نومۇرلۇق، 11 ـ نومۇرلۇق، 12 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن ئۈچ قېتىم «ئاسمان ـ زېمىن سۆزلىشىش»ى ئېلىپ بارغانىدى.

2016 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، تيەنگۇڭ 2 ـ نومۇردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان شېنجوۋ 11 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جىڭ خەيپېڭ، چېن دۇڭ بىلەن سەمىمىي سۆزلەشتى.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، باش شۇجى ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ساپايىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار».

جىڭ خەيپېڭ، چېن دۇڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تيەنگۇڭ 2 ـ نومۇرلۇق ۋە شېنجوۋ 11 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەم تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلار بىلەن يەنە سەمىمىي پاراڭلاشتى.

گاۋتيېدىن چوڭ ئايروپىلانغىچە، ئادەملىك ئالەم قاتنىشىدىن چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەشكىچە، كىۋانت ئۇچۇرىدىن يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسىغىچە... پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش جاۋاب قەغىزىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقتى، دۆلىتىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر قاتار قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، دۆلىتىمىز ئىجادچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسى، ئىلىم ـ پەن ئارزۇسى تېخىمۇ يىراق بوشلۇققا كېڭەيدى.

چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ئۇرغۇتۇلدى.

«ئىلىم ـ پەنگە يۈرۈش قىلىپ، غەربىي شىمالنى گۈللەندۈرەيلى». شىئەن قاتناش داشۆسى شىڭچىڭ مەكتەپ رايونىدىكى قاتناش داشۆسى شىئەنگە كۆچۈش مۇزېيىغا قويۇلغان، 1956 ـ يىلى قاتناش داشۆسىدىكىلەر شىئەنگە كۆچكەندە ئولتۇرغان مەخسۇس پويىزنىڭ بىر پارچە بېلىتىگە قايناق ھېسسىياتقا تولغان ئەسلىمە مۇجەسسەملەنگەنىدى.

2020 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتناش داشۆسى شىئەنگە كۆچۈش مۇزېيىغا كىرىپ، شىئەنگە كۆچۈپ كەلگەن 14 پېشقەدەم پىروفېسسور بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

«خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدىن ۋېيشۇي دەرياسى ساھىلىغا كۆچتۈڭلار، سىلەر سومكاڭلارنى ئېلىپلا يولغا چىقتىڭلار، شەخسىي مەنپەئىتىڭلارنى قۇربان قىلىپ، كوللېكتىپنى ئويلىدىڭلار. قاتناش داشۆسىنىڭ شىئەنگە كۆچۈشى پۈتكۈل دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، غەربىي قىسىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە».

باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «شىئەنگە كۆچۈش روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ، نەتىجە يارىتىپ، «شىئەنگە كۆچۈش روھى»غا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

نۇرغۇن سورۇنلاردا لى سىگۇاڭ، چيەن سەنچياڭ، چيەن شۆسېن قاتارلىق پېشقەدەم ئالىملاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلدى؛

جەنۇبتا كۆپەيتىپ سورت يېتىشتۈرۈشنى تەكشۈرگەندە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: «يولداش يۈەن لۇڭپىڭ بىر ئۈلگە» دەپ ماختىدى؛

«تيەنيەن» كوللېكتىپى بىلەن كۆرۈشكەندە سەمىمىيلىك بىلەن: «كۆپچىلىكنىڭ نەن رېندۇڭ ئەپەندىنى ئۈلگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ تاپىلىدى؛

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى خۇاڭ دانيەنچە ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى، «لو ياڭ ياش زەربىدارلار ئەترىتى»نىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى ماختىدى، رىغبەتلەندۈردى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ قېتىم ـ قېتىملاپ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قېتىم ـ قېتىملاپ مۇھىم، چوڭقۇر يوليورۇق بېرىپ، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ «قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈكۈش، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت مەنىۋى كۈچىنى ئۇرغۇتتى ۋە مۇجەسسەملىدى.

سەمىمىي تاپشۇرۇق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى توپلىدى.

دەرەخنىڭ ئېگىز، باراقسان بولۇشى يىلتىزىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا باغلىق.

ئۈچ ئۆلچەملىك سىن ھاسىل قىلىش ۋە يوللاش − بېيجىڭ داشۆ كومپيۇتېر ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكىسى كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ليۇ لىمىڭ بۇ پەن ھالقىغان ساھەگە جەڭ ئېلان قىلماقتا. ئۆسمۈر ۋاقتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇنىڭ بىر «بالا پەن ـ تېخنىكا مەستانىسى»دىن ئۆسۈپ يېتىلىپ ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

2016 ـ يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك «1 ـ ئاۋغۇست» مەكتىپىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. تولۇق ئوتتۇرا 2 ـ يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ليۇ لىمىڭ باش شۇجىغا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ياسىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھى مودېلىنى كۆرسەتتى.

«سىلەر ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىن باشلاپلا ئىلىم ـ پەن ساپايىڭلارنى يېتىلدۈرۈپ، قىزىقىشىڭلار، ئارتۇقچىلىقىڭلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇستەھكەم ئاساس سېلىپسىلەر، كەلگۈسىدە داشۆگە چىقىپ بۇ جەھەتتىكى كەسپىي بىلىملەرنى داۋاملىق ئۆگىنىڭلار، باغلاپ ئۆگەنسەڭلار ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ساۋاقداشلارغا كىچىك سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەرگەندە ئۆزىگە خەۋەر قىلىشنى تاپىلىدى.

ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ليۇ لىمىڭ ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كىچىك سۈنئىي ھەمراھنىڭ پات ئارىدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىق خەۋىرىنى دوكلات قىلدى، ناھايىتى تېزلا باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى: «سىلەرنىڭ پەن ـ تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش قىزغىنلىقىڭلار ۋە جاسارىتىڭلاردىن سۆيۈندۈم».

شۇ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، بۇ كىچىك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلىپ ئوربىتىغا كىردى. مۇۋەپپەقىيەت خۇشاللىقى خۇددى «چولپان يۇلتۇز»غا ئوخشاش، ليۇ لىمىڭنى ئىلىم ـ پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىدا قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك».

«چاڭئې 5 ـ نومۇر» ۋەزىپىسىگە قاتناشقان ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 32.5 ياش، ئەڭ ياش سىستېما قوماندانى 1996 ـ يىلى تۇغۇلغان؛ چاڭجېڭ 3 ـ نومۇرلۇق A يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتا بېيدوۋ يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشتىكى «مەخسۇس راكېتا» بولۇپ، راكېتانى ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەش كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياشقا يەتمەيدۇ...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى، يېتەكچىلىكىدە، بارغانسېرى كۆپ ياش ئىختىساسلىقلار پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دولقۇننى شەكىللەندۈردى.

يېڭىلىق يارىتىش ئۇرۇقى چېچىلدى، يېڭىلىق يارىتىلىۋاتقان جۇڭگو ھاياتىي كۈچكە تولدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزدىكى كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلىم ـ پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچى، ئىرادىسى، ئىقتىدارى بار!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش