دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 178 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-26 19:47:34

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 178 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىكنىڭ دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. دىققەتنى كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بېجىرىش مىقدارى كۆپ، بېجىرىش ۋاقتى نىسبەتەن مەركەزلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە ئاز قاترىتىش كېرەك. قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ھەم باج - ھەقنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ئارقىلىق قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورت، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلارنىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە قاتناش غول يولى، مىكرو ئايلىنىشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش» «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قاتارلىق نازارەتچىلىك تۈزۈملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ياكى نامۇۋاپىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، كۆمۈر كان، يول قاتنىشى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، كارخانا باغچە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ - ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تور يېيىش شەكلىدىكى تولۇق قاپلىغان بىخەتەرلىك بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، يۇغۇرۇشقا باب كېلىشنى نىشان قىلىپ، ئوقۇش باسقۇچىدىكى مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش، يۇغۇرما مائارىپنى ئالغا سىلجىتىش، تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي پىكىر يولى بويىچە ئالاھىدە مائارىپ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئالاھىدە مائارىپنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مېيىپ بالىلار، ياش - ئۆسمۈرلەر ئائىلىلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، مېيىپ بالىلار، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىگە تايىنىپ، تىرىشىپ دۆلەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دورا بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، مەمۇرىي تەستىق، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش، مەمۇرىي جازا بېرىش، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش، نازارەت قىلىپ باھالاش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقا ۋە مۇھىم كۈچ. ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ساختا، ناچار دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان سەھىيە ماتېرىياللىرىنى ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك مۇداپىئە تورىنى زىچ، پۇختا توقۇش كېرەك. دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش