دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

خەلقئارا تارقىتىش سۆز سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋەرنىڭ مايىلچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-25 23:49:43

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

خەلقئارا تارقىتىش سۆز سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋەرنىڭ مايىلچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك

تەبرىك خەت

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىكى بارلىق يولداشلارنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن!

70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان خەۋەر قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چياۋمىنلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ئاۋازىنى ياخشى تارقىتىشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاگېنتلىق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، خەلقئارا تارقىتىش سۆز سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋەرنىڭ مايىلچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2022 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىكى بارلىق يولداشلارنى سەمىمىي تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان خەۋەر قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چياۋمىنلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ئاۋازىنى ياخشى تارقىتىشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاگېنتلىق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، خەلقئارا تارقىتىش سۆز سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋەرنىڭ مايىلچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان خەۋەر قىلىش فاڭجېنىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگونى چۈشىنىدىغان، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پېشقەدەم يولداشلار، ياش ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى جۇڭگو ئاخبارات ساھەسى ۋە چياۋمىنلار ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 1952 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. نۆۋەتتە، بۇ ئاگېنتلىقنىڭ چېگرا ئىچى ـ سىرتىدا 52 شۆبە ئاگېنتلىقى بار بولۇپ، 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي ئۇچۇر ئېلان قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان، مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقىدىكى كۆپ ساندىكى تاراتقۇلارنى قاپلىغان ئابۇنىچىلار تورى شەكىللەنگەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش