دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-21 11:38:59

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە تولغان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق رايون. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، تىنچلىق ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، باش تېمىسى «ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى» بولۇپ، كۆرگەزمىنى سودا مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش