دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

«<جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ> − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-26 11:08:31

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى

«<جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ> − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى «<جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ> − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسىنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتتى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان جۇڭگودا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دەۋر تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، تارىخىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭپۇڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلىنىشتىكى مەزمۇت قەدىمى بىلەن دۇنياغا: «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ» دەپ جاكارلىدى.

ماقالە بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن: (1) يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش − «خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش»؛ (2) تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم ئىگىلەش − «ئەڭ مۇھىمى جەزمەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، بوران چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلسىمۇ، بېلىق تۇتۇش سۇپىسىدا مەزمۇت تۇرۇش»؛ (3) چوڭ دۆلەت ئاساسىنى پۇختىلاش − «زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش»؛ (4) تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى قايتا يارىتىش − «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىش ياساش، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش»؛ (5) جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش − «ھەم قىيىنچىلىققا توغرا قاراپ، ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىش».

«بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بىزنىڭ غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىساقلا، «جۇڭگو» ناملىق غايەت زور پاراخوت مۇقەررەر شىددەتلىك ئېقىنلارنى بۆسۈپ، خەتەرلىك ساھىللاردىن ئۆتۈپ، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار كەلگۈسىگە قاراپ يۈرۈش قىلالايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش