دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-01-26 13:03:23

 «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا ئائىت ئۇنىۋېرسال ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتى» «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا ئائىت ئۇنىۋېرسال ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتى» «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ 2021 - يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ 2022 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بەش پارتىيە گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى - تەلىپى بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2022 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە كىرگەن مۇھىم بىر يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى قەلبكە پۈكۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئېچىشنى چىڭ كۆزلەپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئورنىغا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېجىرىشكە تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەرزىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم كۆزنەك. «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش ئارقىلىق، پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئەرزىيەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە قانات يايدۇرۇش تەجرىبىلىرىنى بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەش پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى ۋە تەلىپىنى ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، بىرلەشمە يىغىن ماسلاشتۇرىدىغان، ئەرزىيەت تارماقلىرى تۈرتكە بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نىزامنى ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى، ئەرزىيەت خىزمىتى تارماقلىرى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش