دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى تەييارلىق يىغىنى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 ـ يىغىنىنى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-10-22 12:22:41

چېن چۈەنگو تەييارلىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ۋە قۇرۇلتاي قارالمىلىرى ماقۇللاندى

چېن چۈەنگو ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپى قاتارلىقلار ماقۇللاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيى 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 722 كىشى. تەييارلىق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىل 677 نەپەر بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق، 104 كىشىدىن تەركىب تاپقان يىغىن ھەيئەت رىياسىتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، جاڭ چۇنلىننى يىغىننىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش ماقۇللاندى، 13 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارالمىلىرى ماقۇللاندى. قۇرۇلتاي قارالمىلىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنى سايلاش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى كېسىشىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان، يېڭى باسقۇچ، يېڭى ۋەزىپىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەزگىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، «14 ـ بەش يىل»دىكى تۈرلۈك ئىشلاردا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ياخشى قاراپ چىقىپ، ماقۇللاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سايلامنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ياخشى يىغىن ئىستىلى بەرپا قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن 1 ـ يىغىن ئۆتكۈزدى.

يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق چېن چۈەنگو قاتارلىق 14 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

ئارقىدىن، يىغىندا سارقىت ئاقان، جاڭ جۇ، جياڭ شىنجۈن، ليۇ خۇيجۈنلارنى قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش ماقۇللاندى؛ قۇرۇلتاي ئىجرائىيە رەئىسلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە بەدەل پۇلىنى يىغىش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ماقۇللاندى؛ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ۋە ۋەزىپىسى ھەم يىغىن كۈنتەرتىپى ماقۇللاندى. بۇ كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ.

يىغىندا يەنە قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ۋە قۇرۇلتايغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىغانلار ئىشلىرى ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا 319 كىشى سىرتتىن قاتنىشىدۇ، 235 كىشى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىينىڭ ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر سالاھىيىتى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ماقۇللاندى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنغان 722 ۋەكىلنىڭ ئىسىملىكى ئىقتىساد، پەن ـ تېخنىكا، سىياسىي قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيەدىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەلەر، يەرلىك، بىڭتۇەن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىن ئىبارەت ھەرقايسى قاتلاملار، ئىشچىلار، دېھقانلار، كادىرلار، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سايلام تەرتىپى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار سايلام خىزمىتى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، ۋەكىللەرنىڭ ساپاسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش